رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ مىدوڭ رايونىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2017.10.27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە قېپقالغان پەرزەنتلىرىنىڭ يېقىندا قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا نەۋرىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلاردىن مەلۇمات ئىگىلىدى. ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئەمما ھېچقايسىسى ئۇچۇرنى رەت قىلمىدى. ئىككى ساقچى خادىمى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى ۋە «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇنىڭ بەزى قېرىنداشلىرى ۋە بىر قىسىم نەۋرە تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. يېقىندا، يەنى 19-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قېپقالغان پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن 11 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن.
بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىككە، يەنى ئۈرۈمچىدىكى ئات بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.
رابىيە خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى تەۋە بولغان ساقچىخانىلاردىن بىرى نەنگۈەن ساقچىخانىسى. بۇ ساقچىخانا خادىمى ئەھۋال ھەققىدە ئاخبارات زىيارىتى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ بۇ خادىم يەنە ئەھۋال ھەققىدە تەكرار تېلېفون قىلماسلىقىمىزنى ئېيتتى. سەۋەبىنى ئىچكىرىلەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ سوئالىمىز ھەققىدە ئۆز رەھبەرلىرىدىن مەلۇمات سورىغانلىقىنى ۋە رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئۇچۇر دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقى ئۈچۈن تېلېفوندا جاۋاب بەرمەسلىكنى بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نەنزىگو ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، رابىيە خانىم ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. بىز مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى مەزكۇر مەركەز ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ، قانچە كىشى، نېمە ئۈچۈن ۋە قاچان تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى نەنگۈەن ساقچىخانىسىنىڭ تۇتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا رابىيە خانىم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مىدوڭ رايونىدا تۇتۇپ تەربىيەلىنىۋاتقاندىن باشقا ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن مىدوڭ رايونىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىملىرى ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى ۋە مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنىمۇ رەت قىلدى.
رابىيە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ خوتەن، ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن 30 نەچچە كىشى قاماق ۋە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.