رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.02.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
duq-yaponiye-parlamenti-rabiye-qadir-sozde.jpg رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بەرمەكتە. 2017-يىلى 15-فېۋرال، توكيو.
RFA/Qutluq

11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بەردى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى پارلامېنت ئالىي كېڭەش يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياردەمچىسى ئېتو سېئىجى رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىندا ئالدى بىلەن، سابىق ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى فۇرىيا كېيجى سۆز قىلىپ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيىتىگە ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىرىدىن ئىككى يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم ئەزالار قاتناشقان ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ياردەم قىلىش توغرىسىدا كېڭەشكەن.

دوكلاتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.