رابىيخان مۇسا ئانا: ئەمدى يېلىنمايمەن، بوينۇمنى تىك تۇتۇپ ياشايمەن، ئانىلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-10-06
Share
rabiyxan-musa-ana-oghli-bilen.jpg رابىيخان مۇسا ئانا ئوغلى قۇربانجان چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئەنىڭ ئەمەس)
RFA/Shöhret Hoshur

بورتالالىق رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ پاسپورت ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن رابىيخان ئانىدىن 5 كۈنلۈك سۈرۈك تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە شىكايەتلىرىنى توختىتىپ تۇرۇشنى بۇيرۇغان ساقچى خادىمى، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ساقچى باشلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى رابىيخان ئانىغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ پاسپورتىنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭغا جاۋابەن رابىيخان ئانا ئاخبارات باياناتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ چاغدا ساقچى خادىمى رابىيخان ئانىنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان، بۇنىڭغا قارىتا رابىيخان ئانا: «ئەمدى سىلەرگە يېلىنمايمەن، بوينۇمنى تىك تۇتۇپ ياشايمەن ۋە ماڭا ئوخشاش دەردمەن ئانىلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت