خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 3-ئاپرىل كۈنى خوتەننىڭ غوجامباغ يېزا روك كەنتىدە ئاتالمىش تېررورغا قارشى قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە تۇنجى قېتىم خوتەندە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇق قارشى ھەرىكەتلەردە 23 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 64ىنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىز مەزكۇر «23قەھرىمان»نىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىشلىق ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، خوتەندىكى ساقچىخانىلاردىن مەلۇمات سورىدى. نەتىجىدە، خوتەندە داغدۇغىلىق خاتىرىلەنگەن 23 ساقچىنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلار چېتىشلىق ۋەقەدىن خوتەندىكى ساقچىلارنىڭمۇ خەۋەرسىزلىكى ئايدىڭلاشتى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىدا بولسۇن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرماسلىققا، بولۇپمۇ يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى، ھىچبولمىدى دېگەندە، ئۆزلىرى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيادىن يوشۇرماسلىققا چاقىرماقتا. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆپ ھاللاردا ئاخباراتتىن پۈتۈنلەي يوشۇرسا، بەزى چاغلاردا، ئۆز تەشۋىقات مەنپەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قىسقا ۋە چولتا خەۋەر قىلىپ بەرمەكتە. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىر قسىمى پەقەت بىرقانچە ئاي ياكى يىللارىن كېيىن، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى تەىپىدىن پاش قىلىنماقتا. يەنە بىر قىسمى بولسا، خىتاينىڭ مۇكاپاتلاش ياكى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدا ئاشكارىلانماقتا، كۆپ قىسمى بولسا سىر پېتى قالماقتا. بىز تەڭرىتاغ تورىدا ئاشكارىلانغان 23 ساقچىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 64 ساقچىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئاتالمىش تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دۇنيا، خىتاي ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىنلا ئەمەس، ئۆز ساقچىلىرىدىنمۇ يوشۇرغان. ۋەقەنى شۇ ۋەقەدە ۋەزىپە ئالغان ساقچى خادىملىرىدىن باشقىلارغا ئۇقتارمىغان. خىتاي ئاخباراتى يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە خوتەن تەۋەسىدە يۈز بەرگەن پەقەت قارىقاش پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى قاتارلىق سانى 10 غا يەتمىگەن ۋەقەنى ئاشكارىلىدى. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تىلغا ئېلىنغان ساقچىلارنىڭ سانى ۋە ئىسىملىكى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سانىنىڭ ئۆزلىرى خەۋەر قىلغاندىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپلۈكىنى ئىشارەتلىمەكتە. خىتاي تەرەپنىڭ قانلىق ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشتا بۇ دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولۇشىنىڭ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۈركۈتمەسلىك ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە؛ يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، رايوندىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ خىتاي دېگەندەك تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ئەركىنلىك كۆرىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قانلىق ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلماسلىقى، رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش پىلانى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ئۈلگە تىكلەش، ئاتالمىش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە نامىنى چىقىرىشتا قېيىنچىلىق تۇغدۇرغان. شۇڭا خوتەندە نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتۇرۇلۇپ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى خىتاينىڭ ئۆز ساقچى خادىملىرىمۇ ئەستە تۇتالمىغان.
0:00 / 0:00