سېرىكجان بىلاشئوغلى «قازاقىستان خىتاي دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دەپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان
2019.02.15

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قامالغان قازاقلارنىڭ مەسىلىنى يورۇتۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى-12 ۋە 13-فېۋرال كۈنلىرى قازاقىستاندىكى ئالمۇتا شەھەرلىك سوتتا «قازاقىستان خىتاي دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، «مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش»، «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش» دېگەندەك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان. بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرى ھەمدە جامائىتى ئارىسىدىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. سېرك ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ سوت جەريانى ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئالمۇتادىن مەخسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئاتا يۇرت پىدائىيلىرىنىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ 12-ۋە 13-فېۋرال كۈنلىرى ئالمۇتادا ئېچىلغان سوت جەريانى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، سېرىكجان، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم قازاق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇنى «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇپ، يالغان ئۇچۇر تارقاتقان»، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى نامىدا ئۇنىڭ تارقاتقان لاگېرلارغا ئائىت ئۇچۇرلىرى يالغان، بۇلار خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىغا ۋە قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق»، «قازاق زىيالىيلار ئۈستىدىن ھاقارەت قىلغان» «مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلغان» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئالمۇتا مېدىئو ناھىيىسى ساقچىخانىسىغا شىكايەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك سوتقا چاقىرىلغان. بۇ نۆۋەت مەمۇرىي جەھەتتىن سوتلانغان سېرىكجان بىلاشئوغلى 700 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغان.
سېرىكجان بۇ سوتنى قازاقىستاندىكى ئۆزىنى خىتاي مۇھاجىرلىرى دەپ ئاتايدىغان 30 ئەتراپىدا «قازاقنىڭ ئىمزالىق شىكايىتى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەيدان سۇيىقەست» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بۇ ئويۇننىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سېرىكجاننىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ سوتتا ئۇلارنىڭ ئەيىبلەشلىرى ئاقمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر تۈركۈم شىكايەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ «ئىززەت-ئابرۇيىغا دەخلى-تەرز قىلىش» بىلەن ئەرز قىلىپ، جىنايى ئىشلار داۋاسى ئاچقان ئىكەن. ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق سوت ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن.
سېرىكجاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆزى ئۈستىدىن سوتقا ئەرزى سۇنغان بۇ بىر تۈركۈم قازاقلار ئۇنىڭ ئاممىۋى نۇتۇقلىرىدا، لاگېر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلارنى تەنقىد قىلىپ ئېيتقان: «مىللەتنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە پەقەتلا ئىككى خىل ئادەملەر بار، بىرى مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلا، يەنە بىرى ساتقۇنلار. 3-خىل ئادەملەر يوق، سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار بولسا خائىنلار» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ: ئۇنىڭ ئۈستىدىن «قازاق زىيالىيلىرىنى ھاقارەت قىلدى، يۈز ئابرۇيىغا دەخلى-تەرز قىلدى» دەپ ئوپچە شىكايەت قىلغان.
سېرىكجان ئۆزىگە قارشى شىكايەتتە بولۇنغان بۇ كىشىلەرنىڭ، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى بارلىق گۇۋاھلىق ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلارنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن، مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا ھالدا لاگېرغا ئائىت دەلىللەرنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر خىتاي پەقەت دىنىي رادىكال ۋە تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنى قايتا تەربىيەلەۋاتىدۇ، قازاقلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلدى دېگىنى يالغان دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان.
ئۇ، ئەنە شۇ سەۋەبلىك، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ لاگېرلاردىكى قازاقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋا پائالىيەتلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇلارنىڭ توسقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سېرىكجاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆزىنىڭ «خىتاي مۇھاجىرلىرى قازاقلار تەرىپىدىن سوتقا بېرىلىشى نۆۋەتتە قازاقىستاندىلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ھەتتا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ، لاگېر مەسىلىسىنىڭ مەتبۇئاتقا قايتىدىن دولقۇن كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان».
سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ: ئۆزى ۋە ئاتا يۇرت پىدائىيلىرىغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرگە قارشى دەۋا ئاچقان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە، يەنى 18-فېۋرال كۈنى يۇقىرى سوتقا چىقىشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.