بۈگۈن 23 - ئاپرىل سېرىبۇيا ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە نەق بىر يىل بولدى. سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە خىتاي تەرەپتىن 15، پىدائىيلاردىن 9 كىشى بۇلۇپ جەمئىي 24 كىشى ئۆلگەن ۋە ۋەقە خەلقئارا چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.
خىتاي ئەينى چاغدىكى خەۋەرلىرىدە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن - بارات ناۋاينىڭ ئۆيىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە بەلگىلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 3 نەپەر پىدائىينىڭ ساقچىخانىغا موتوسىكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز يېقىندا 23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ياردمچى ساقچىنى زىيارەت قىلدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى شۇ كۈنى بارات ناۋاينىڭ ئۆيىدە قورشاۋدا قالغان پىدائىيلاردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ قوشنا ھويلىدىكى بىر موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ چىقىپ ساقچىخاغا ھۇجۇم قىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىر: شۇ كۈنى نەق مەيداندا سىزمۇ بارمۇ؟
خادىم: بار. مەن سوجاڭ جاڭ فۇشىن بىلەن بىللە باردىم.
مۇخبىر: شۇ كۇنكى ۋەقەدە تەپسىلاتى بەك سۆزلەنمىگەن بىر ئىش بار، يەنى ھۇجۇمچىلارنىڭ موتوسىكلىتنى ئېلىپ قېچىپ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى. مۇشۇ ھەقتە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
خادىم: بارات ناۋاينىڭ ئۆيىنى بىز قورشاپ تۇرۇۋاتقان، يول تۇيۇق يول، ئۇلاردىن (ھۇجۇمچىلاردىن) ئۈچ نەپىرى بارات ناۋاينىڭ ئارقا تېمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ تۇراخۇن دېگەن كىشىنىڭ موتوسىكلىتىنى ئېلىپ قاچقان ۋە ئۇدۇل ساقچىخانىغا ھەيدەپ كىرگەن. بۇ چاغدا ساقچىخانىدا ئىككىلا ياردەمچى ساقچى بار ئىدى، قالغانلىرىمىز نەق مەيداندا ئىدۇق؛ ئۇ ئىككى ساقچىنىڭ يېنىدا قورال بولمىغاچقا، ئارقا تەرەپتىن قاچىدۇ ۋە جياۋتۇڭ دادۇيگە بېرىپ ) ھازىر جوڭشىن ساقچىخانىسى دېيىلىدۇ( ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
مۇخبىر: ھۇجۇمچىلار ساقچىخانا قوروسىغا كىرگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلدى؟
خادىم: ئۇلار ساقچىخانىغا كىرىپ، موتوسىكلىتنى توختىتىپ بېنزىن باكنى چېقىپ، ئاندىن بىر لاتىنى بېلىكىگە يۆگەپ بېنزىنغا چىلاپ ئوت تۇتاشتۇرغان ۋە ئوت تۇتاشقان لاتىنى ساقچىلارنىڭ ياتىقىغا ئاتقان.
مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ ياتىقى ساقچىخانا قوروسىنىڭ ئىچىدىمۇ؟
خادىم: ساقچىخانىنىڭ 1 - ۋە 2 - قەۋىتى ئىشخانا، ئۈچىنچى قەۋىتى ياتاق. قۇربان بولۇپ كەتكەن ساقچى ليۇ ياڭ بىلەن قۇربان بولۇپ كەتكەن جىداۋيەننىڭ ياتىقى شۇ 3 - قەۋەتتە ئىدى، ھۇجۇمچىلار ئۇ ئىككىسىنى ياتىقىدا بار دەپ ئويلاپ ئوت قويغان، بىراق ئۇلار نەق مەيداندا ئۆلۈپ بولغان چاغ ئىدى. جۇڭشىن ساقچىخانىسىدىكىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ بىزنىڭ ساقچىخانىغا كەلگەندە ھۇجۇمچىلارنىڭ 3 - قەۋەتتىكى ۋاقتى، ئۇلار 3 - قەۋەتتە تۇرۇپ ساقچى ۋە يېزىنىڭ رەھبەرلىرىگە قوللىرىدىكى پالتىنى ئاتتى، ئاڭغىچە ساقچىلار ئوق چىقىرىپ ئۇلارنى بويسۇندۇردى. بولغان ئىش مۇشۇ.
سوئال: ئۇلار بارات ناۋاينىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ساقچىخانىغا كەلگىچە ئارىلىقتىكى يولدا خەنزۇ پۇقرالىرىمۇ يوقمۇ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدىمۇ؟
جاۋاب: بار، ئۇلارغا چېقىلماپتۇ. قوللىرىدىكى پالتىنى پىرقىرىتىپ تەكبىر ئېيتىپ مېڭىپتۇ.
سوئال: مەقسىتى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ئىكەن - دە؟
جاۋاب: شۇنداق.
سوئال: شۇ ئۈچى كىملەر ئىكەن؟ ئىسىم - فامىلىلىرى نېمە؟
جاۋاب: بىرسى بارات ناۋاينىڭ ئوغلى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۈچىلىسى مۇشۇ سېرىقبۇيىلىق بالىلار.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز يۇقىرىدا ئۆتكەن يىلنىڭ دەل بۈگۈنكى كۈنىدە يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە ئائىت ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان بىر تەپسىلات يەنى ئۈچ نەپەر پىدائىينىڭ ساقچىخانىغا موتوسېكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.
0:00 / 0:00