سېيىت نادىر ئەپەندى: «بىزنى گومىنداڭ تەرەپتارلىرى تەيۋەنگە ئالداپ ئەكەتكەن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.08.13
seyit-nadir-taiwan-teywen.jpg ئىئوردانىيەلىك ئۇيغۇر كارخانىچى سېيىت نادىر ئەپەندى
RFA


ئىئوردانىيەلىك ئۇيغۇر سېيىت نادىر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، دادىسى سېيىت ئابدۇللاخان تەيۋەنگە ئالداپ ئەكىتىلگەن، يەنى تەيۋەندىكى گومىنداڭ تەرەپتارلىرى كېلەچەكتە پۇرسەت يېتىلگەندە شەرقى تۈركىستاندا خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن سىيىت ئابدۇللاخان ئائىلىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تەيۋەنگە يۆتكىگەن، ئەمما سېيىت ئابدۇللاخان خىتاي تەرەپكە بولغان ئىشەنچسىزلىكى سەۋەبىدىن، تەيۋەندە ياشاشنى رەت قىلغان.

مۇخبىرىمىز مەزكۇر ئائىلىنىڭ تەيۋەن كەچمىشى ھەققىدىكى بۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ داۋامىدا، يولۋاسبەگ قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئەينى يىللاردا تەيۋەندە خىتايغا قارشى ھەرىكەت تەييارلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچى ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن مەلۇمات سورىدى. غۇلامىدىن پاختا، قاھار بارات ۋە ئىلشات ئەپەندىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى يىللاردا يولۋاسبەگ تەيۋەندە ئۇيغۇرلاردىن كۈچ توپلاش ۋە ياراملىق ئادەم تەربىيىلەش ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە ھەرىكەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.