5-فېۋرال كۈنى كەچتە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شېھىتلار كېچىلىكى» قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر قىسىم شاھىتلار، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى بايان قىلغان.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شېھىتلار كېچىلىكى» پائالىيىتى ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، تونۇلغان دىنىي ئالىم ئابدۇسالام قاراھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە توختالغان نۇتقى باشلاندى.
بىز پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن يۈسۈپجان قارىھاجى ۋە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.