شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن شەرقى تۈركىستان» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا دوكلات بەرگەن تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇنجاي قاپلان سۆزىدە، ئىسلام ئەللىرىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەر دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاخىرىغا قەدەر ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
19-ئاپرېل كۈنى سىتوكھولىمنىڭ سودىرمالىمدىكى مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلغان يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇنجاي قاپلان ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ئىسلام ئەللىرىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەر دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاخىرىغا قەدەر ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى تەكلىپ بىلەن شەرقى تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇ زېمىندا يېتىشىپ چىققان ئالىملار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى، شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر ۋە بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئاخىرقى قېتىمقى خىتاي ئىشغالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئابدۇسالام ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ھەتتا ئىنسانىي جەھەتتىن ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە سان جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، سۆزىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھېسداشلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن ئاخىرىلاشتۇردى.
يىغىن ئاخىرىدا شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد قاپلان سۆز قىلدى.
مۇھەممەت قاپلان سۆزىدە پارلامېنتتىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، شۋېتسىيەدىكى تۈركلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆمەر مەخسۇم ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلىكنى ئاڭلاتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ تىبەت تاغلىرى ئارقىلىق نېپالغا كەلگەنلىكىنى، نېپال ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى ئۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
يىغىن، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتى. يىغىن ئاخىرىدا بىر گۇرۇپپا تۈرك بالىلار يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا گۈللەرنى سوۋغا قىلدى.