خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقان جەرياندا خىتاي مەتبۇئاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغان ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوستانە سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كەڭ-كۆلەمدە خەۋەر قىلىندى.
ئەمما ئاشكارىلىنىشىچە، ئەنە شۇ كۈنلەردە شى جىنپىڭ كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان، پېيىغا چۈشۈلگەن ھەتتا ئۆيىدىن تالاغا چىقماسلىق ھەققىدە تەھدىت ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان كۆپلىگەن ئاھالىلەر بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى غايىب ئانىسى، قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلامدۇر.
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقان 3 كۈن جەريانىدا، 30 نەپەر ساقچى ۋە پايلاقچى پاتىگۈل غۇلام قورۇسىدىن سىرتقا چىقارغۇزماي باققان. نەتىجىدە پاتىگۈل غۇلام خىتاي ساقچى ۋە پايلاقچىلىرىنىڭ باشلىقى ئوتتۇرىسىدا بىر ماجىرا يۈز بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، بۇ ماجىرانىڭ جەريانىنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.