يوپۇرغىدا رامزان مەزگىلىدە بىر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونى بويىچە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت سىياسىي بوران-چاپقۇن بىلەنلا يىغىۋېلىنغان بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئەمەلىي سادىر قىلغان قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلىرى بولمىغاچقا، ساقچىلار ئۇلاردىن جىنايەت تېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئالغان. بۇ قېيىن-قىستاق بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا يوللانغان بىر نامسىز ئىنكاستا مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىنىشىچە، يوپۇرغىنىڭ تېگىن كەنتىدىن بولغان بىر تۇتقۇن تۈرمىدە جان ئۈزگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئالاقىدار خادىملار، يوپۇرغىدا بىر سىياسىي تۇتقۇننىڭ تۇتقۇندىن كېيىن ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى؛ ئەمما ئۇلار تۇتقۇننىڭ قېيىن-قىستاق بىلەن ئەمەس، كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى تۇتامسىز بايانلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يوپۇرغا تۈرمىسىدىكى بىر گۇندىپاي ۋە ئامانلىق خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.