ئىلشات ھەسەن: سوقماق ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى جازالاش مىللىي كەمسىتىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى
2013.04.09
بۇلتۇر 12 - ئايدا خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن سوقماق ساتىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي خېرىدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل ۋە بۇ جېدەلدىن كېيىن 16 نەپەر ئۇيغۇرغا تۆلەم تۆلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتى خوتەنگە قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى بىر مەزگىل خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
«خوتەن گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە بۇلتۇر جېجياڭدا يۈز بەرگەن «سوقماق ۋەقەسى» سەۋەبلىك يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان 16 كىشىگە خوتەن ناھىيىسىدە قايتىدىن چارە كۆرۈلۈپ، ئەينى چاغدا جېجياڭدا ئۇلارغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلنىڭ ئارتۇق قىسمى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە قايتىدىن خىتايدىكى تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ دائىرىلەرنىڭ قىلمىشى ئەيىبلەندى. ئامېرىكىدىكى سىياسى ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سوقماق ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ سوقماق ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى جازالىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىندا خوتەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇلتۇر 12 - ئاي مەزگىلىدە جېجياڭ ئۆلكىسىدە خىتاي خېرىدارلىرى بىلەن سوقماق ساتىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ماجىرادىن كېيىن، يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەن 16 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خوتەندە قايتا جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوقماق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ 16 كىشىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر يىلدىن بەش يىلغىچە تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى چاغدا خېرىدارلار بىلەن بولغان جېدەل سەۋەبلىك جېجياڭ ئۆلكىسى يۈئېياڭ ناھىيىسىدە سوقماق ساتقان مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن تۆلەپ بېرىلگەن 8500 سوم تۆلەم پۇلىنىڭ 5525 سومىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسى ئانالىزچىلاردىن بىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خوتەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ئەپەندى خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە ئەينى چاغدا تۆلەپ بېرىلگەن تۆلەم پۇلنى قايتۇرۇۋالغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ بىر يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلىنىشىغا يول قويمىغانلىقى خىتاينىڭ ئۆزىدە بەلگىلەنگەن ئەڭ ئەقەللى قانۇنىي ھوقۇق بەلگىلىمىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە تىرىكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللى ھەق - ھوقۇقىنىڭمۇ تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، مەزكۇر 16 كىشىنىڭ تىرىكچىلىك يولى ئۈزۈۋېتىلىپ،يۇرتىغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ قايتىدىن جازالىنىشى، «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ يالىڭاچ ئىپادىسى» دەپ تەكىتلىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا « قارىتا قاتتىق باستۇرۇش» سىياسىتى قوللانغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلتۇر 3 - دېكابىر كۈنى خىتاي تور بېكەتلىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى يۈئېياڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن سوقماق ساتىدىغان ھارۋىلىرى چېقىۋېتىلگەن 16 نەپەر ئۇيغۇرغا جەمئىي 160 مىڭ سوم تۆلەم پۇلى بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىدە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.