0:00 / 0:00
يېقىندا گوللاندىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتايلار كېچىك بالىلارغا يېگۈزۈۋاتقان ئەملەش دورىلىرىنىڭ بالىلارغا قارىتا ئەكس تەسىرى بارلىقىنى تۇيۇپ قالغان ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
نەتىجىدە، سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، جازالانغان. تۈرمىدە كۆرگەنلىرى ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىكىر - ئىنكاسلىرىدىن، ئۆز ۋەتىنىدە خاتىرجەم ياشاشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىش يولىنى تاللىغان.
تۆۋەندە كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.