دوكتور ئاسپىرانت تاھىر مۇتەللىپ دادىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.12.27
tahir-mutellippqahiri-mutellip-sidiq-qahiri.jpg قەشقەردىكى ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دادىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. 2018-يىلى دېكابىر، گېرمانىيە.
Suretni Tahir Mutellip Qahiri teminligen

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى پروفېسسورى، تونۇلغان ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى ئالدىنقى ھەپتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ۋە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئۇ مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن بۈگۈنكى سۆھبىتى داۋامىدا دادىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇۋاھلىق پائالىيەتلىرى ۋە بۇ جەرياندىكى ئۆزگىچە تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.