ئەنقەرەدىكى تايلاند باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2014.12.29

29-دېكابىر كۈنى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدە تايلاندنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى بىلەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ نامايىشقا، كادىرلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ئىراق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى رەئىسى مەخمۇت قاساپوغلۇ ئەپەندى، تۈرك يۆرۈك تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى خانلار قوجا ئەپەندى ۋە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئۇلار ھەممىسى قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن «تۈركىيە ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق، تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇر بىگۇناھ، تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمىسۇن ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىش باشلاشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، باياناتىدا خىتاينىڭ بېسىمىغا چىدىيالماي چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنى دۆلىتىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە بېرىشكە چاقىردى.
نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم تۈرك ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئازادجان بۇغدا ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.