تەشۋىقات چىمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا بەزى دەلىللىرىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.04.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
nizam-nejwulla-diniy-esebiylik.jpg «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىك ھەققىدە سۆزلەش» تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجۋۇللانىڭ سەھنىدە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ئاپرېل.
Social Media


ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەبىيلىككە قارشى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە نۇتۇق چىمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن جازاغا ئۇچرىغاندا قىلمىشىغا پۇشمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۇرپاندا ئېچىلغان بىر سوتتىن پاكىت مىسال كەلتۈرگەن؛ كەلتۈرلگەن مىسالدا، 26 - ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى باش گۇماندارىنىڭ سوت كۈنى ئانىسىغا «4 بالام يېتىپ قالدى، سىزگە ئامانەت» دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىدە سوت كۈنى باش گۇماندارنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھىچقانداق بىر سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، پەقەت نۇتقىنى تەسىرلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر نەقىلنى ئۆزى توقۇپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە، باش مەھكۇمنىڭ بالىسى بار - يوقلۇقى، ئۆيلەنگەن ۋە ئۆيلەنمىگەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يوقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.