193 مىڭ نوپۇسلۇق توقسۇ ناھىيىسىدە 22 مىڭ كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.17
xoten-yepiq-terbiyelesh-orni.jpg خوتەندىكى مەلۇم يېپىق تەربىيەلەش ئورنى.
Social Media

مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇ ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا 193 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ ناھىيىدە 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى، بۇلاردا جەمئىي 22 مىڭ كىشىنىڭ «تەربىيە» لىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلاردىن بىرى ناھىيە بازىرىدىن بىرقانچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئامبار دەپ دەپ ئاتىلىدىغان جايغا قۇرۇلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ناھىيىلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن پارتىيە مەكتەپ لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، توقسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە 2017-يىللىق نوپۇس ستاتىستىكىدا مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 193030 دەپ كۆرسىتىلگەن. بىز نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان بۇ ناھىيىدە زادى قانچە يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭدا قانچىلىك كىشىنىڭ سولىنىپ ياتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

خادىملارنىڭ بەزىلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بەزىلىرى بولسا كونكرېت مەلۇماتلاردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. يەنە بەزىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى ئېيتتى. بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، توقسۇ ناھىيىسى 3 بازار، 5 يېزىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. بۇلار توقسۇ بازىرى، يۇلتۇزباغ بازىرى، ئىچئېرىق بازىرى، پەيشەنبەبازار يېزىسى، تاشئېرىق يېزىسى، ئىكەن يېزىسى، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ۋە تامتوغراق يېزىسىدۇر.

بىز لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى يېزا-بازار ساقچىخانىلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى ئۆزى تەۋە يېزىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 2 ‏-تەربىيىلەش لاگېرىغا، يەنى توقسۇ بازار ئەتراپىدىكى ئامبار دېگەن جايغا تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، توقسۇ ناھىيىلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپمۇ ئوقۇغۇچىلىرى 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتىكەن. يەنە ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ناھىيىدە دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدە ئاتالمىش «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلگەنلەر ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپىگە جايلاشتۇرۇلغان. ساقچى خادىملىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى تاشئېرىق يېزىسىدىمۇ بىر لاگېر قۇرۇلغان. كېيىنچە بۇ لاگېردىكىلەر ناھىيە بازىرىدىكى 3-لاگېرغا يۆتكىۋېتىلگەن. خادىملار توقسۇ ناھىيىسىدە يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئادەم ئاپىرىلغاندىن بۇيان، قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بولمىغانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ 3 لاگېردا جەمئىي 22 مىڭ كىشىنىڭ سولىنىپ ياتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ساقچى خادىمىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 22 مىڭ دېگەن سان كەچلىرى ئۆيلىرىگە قايتىشقا بولىدىغان «ئوچۇق تەربىيە» لاگېرىدىكىلەرنى ۋە جازا مۇددىتى بېكىتىلىپ كېسىۋېتىلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.