ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى يىغىن چاقىرىپ، تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخشام ئەنگلىيەنىڭ ۋىمبلەدون شەھەر مەركىزىدىكى روسي لېئا كافېخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەنگلىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان.

تۈرك كارخانىچى تۈرك دۇنياسى پائالىيەتچىسى ئاتىللا ئاباچىئوغلۇ ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر جايغا جەم بولغان ئەزەرى، ئۇيغۇر، قىرىم تاتارلىرى، ئۆزبېك، گىرېتسىيەلىك تۈركلەر، شىمالىي سىپۇرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى، شىمالىي ئىراق ۋە تۈركىيەلىكلەر قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى «تىلدا، پىكىردە ۋە خىزمەتتە بىرلىك» شوئارى ئاستىدا تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

www.uyghurnet.org تور بېتىدە 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يىغىندا سۆز قىلغان ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ ئەپەندى، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىجتىمائىي، مەدەنىي، مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تونۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «تىلدا، پىكىردە ۋە خىزمەتتە بىرلىك» شوئارى ئاستىدا تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغان.

ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ ئەپەندى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتلەردىن بىرىنىڭ ئىراقتا، سۈرىيەدە، قىرىمدا، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم قىلىش، ئۇلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەمنى، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك كارخانىچى ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ سايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەخىمە مەخمۇت خانىم ۋەزىپە ئالغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان رەخىمە مەخمۇت خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ يىغىنغا ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار، قىرىم تاتارلىرى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە قانداق ياردەم قىلىش، ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا قانداق ئاڭلىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغانلىقىنى، بۇ مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.