تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.25
turkiyede-2018-namayish-Mustafa-Destichi.jpg تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى 23-دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 23-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.

يىغىلىشقا تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، تۈركلەر، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، قەيسەرى، بۇرسا، ئىزمىر، كونيا ۋە زوڭگۇلداق قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، مىڭلىغان كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بىلەن ئالپئەرەن ئوجاقلىرىنىڭ ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىلىشتا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىدى. قولىدا تۈركىيەنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى.

يىغىلىشتا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مىلادىدىن بۇرۇن 2-ئەسىردىن باشلاپ ھۇن دۆلىتى، كۆكتۈرك دۆلىتى، ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، سەئىدىيە دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، مانچۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ 1884-يىلى مەزكۇر تۇپراقنى قايتىدىن بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىسمىنى «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى، بۇ زېمىننىڭ نامىنىڭ «شىنجاڭ» ئەمەس، «شەرقىي تۈركىستان» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتقىدا خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىي مىللەتلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى، 3 مىليون ئادەمنىڭ لاگېرلارغا تاشلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك سىياسەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

23-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى باغچىسىدا ئەنقەرە ۋالىي مەھكىمىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ قىلىنغان چوڭ يىغىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭدى. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن رۇخسەت ئالمىغان بولغاچقا تۈرك ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى بارماسلىققا، توختاپ قېلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار شوئار توۋلىغان ھالدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن جايدىن 18 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈشنى داۋام قىلدى. نامايىشچىلارغا نەسىھەت قىلىپ توختىتالمىغان تۈرك ساقچىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.

23-چېسلا سائەت 11 دىن بىرگىچە ئىككى سائەت داۋاملاشقان پائالىيەتنى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. مەزكۇر پارتىيە بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يىغىلىش تۈركىيەدىكى بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىپ تارقىتىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.