بىر سابىق سىياسىي تۇتقۇننىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كۈلپەتلىرى (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-10-30
Share
adil-abdughopur-turme-kechurmish.JPG 17 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم ۋە جازالاش ئۇسۇللىرىغا ئۇچرىغان ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى. 2014-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

يېقىندا مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن 50 ياشتىكى ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندىنىڭ ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ 1991-يىلىدىن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، جەمئىي 17 يىلغا يېقىن ۋاقىت تۈرمىدە ياتقان.

بۇ 17 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم ۋە جازالاش ئۇسۇللىرىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 1991-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي ئۇنى «مىللىي، ئەسەبىي ئۇنسۇر»، «ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ، بىرىنچى تۈرمە ھاياتى تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا ئۆتكەن.

كېيىن 1998-يىلى 2-ئايدا غۇلجا ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ، 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 12 يىل ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە ياتقان.

بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە ھاياتىغا چىدىيالماي ئۆلگەنلىكىنى، ھەتتا كۆزىنىڭ ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ، بىزگە بۇ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىنى مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت