خىتاي دۆلەت شېئىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلانغان تۇرسۇن ئابلەت يەكەندە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.31
herbiy-saqchi-turme-terbiyelesh-ayal-bala.jpg قۇچاقتىكى بالىسى بىلەن «يېپىق تەربىيەلەش» ئورنىدىكى ئېرىنى يوقلاشقا كەلگەن ئايال.
AP

4 كۈندىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە يەكەندە بىر چوڭ ئىش چىققانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يەكەن ناھىيىسىدە تۇرسۇن ئابلەت ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ خىتاي دۆلەت شېئىرى ئوقۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى. دېلو ھەققىدىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان يەكەن ناھىيە توم ئۆستەڭ يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە 28‏-يانۋار، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 لاردا يۈز بەرگەن. تۇرسۇن ئابلەت ئۆلۈۋېلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئايالىغا خىتاي دۆلەت شېئىرىنى يادلاشتا قىينىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مەزكۇر ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ۋەقە يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش بولغان. ئۇچۇردا ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىق دېيىلمىگەن، ئەمما پەرەز سۈپىتىدە ئەرلىرى «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەن ئاياللارنىڭ توپلىشىپ ھۆكۈمەت ئالدىغا بارغانلىقى ۋە «تەربىيىلەش» تىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا زوراۋانلىق قىلىپ قان تۆككەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە يەكەن ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ھەر ئىككى ئورگاندىكى خادىملار يەكەندە ۋەقە چىققانلىقىنى رەت قىلدى. تېلېفونىمىز يەكەن ناھىيىسىنىڭ تومئۆستەڭ ساقچىخانىسىغا باغلانغاندا، يەكەن بازىرىدا 28‏-يانۋار كۈنى ئەتىگەندە بىر ۋەقە چىققانلىقى دەلىللەندى. ئاشكارىلىنىشىچە، يەكەن ناھىيە كوچا باشقارمىسى باغ ھويلا ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق 40 ياشلاردىكى تۇرسۇن ئابلەت سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىدا دۆلەت شېئىرىنى يادلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قاتتىق مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن ئېسىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەكەندە ۋەقە چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ۋاقتى بىلەن تۇرسۇن ئابلەتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ۋاقىت جەھەتتىن ئۆز-ئارا ماس كەلسىمۇ، ئەمما ئۇچۇردا دېيىلگەن ۋەقە بىلەن رادىيومىز دەلىللىگەن بۇ ۋەقەنىڭ بىر ۋەقە ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.