گۈلىستان خانىم :خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ مىليون ئۇيغۇر بوۋاقنىڭ جېنىگە زامىن بولدى
2013.09.30

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى توكيودا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ياپونىيىدىكى تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىندا ياپونىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى گۈلىستان خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن.
دوكلاتتا گۈلىستان خانىم ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇندىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى توكيودىكى شىنجۇكۇ ت ك پ ستار يوتسۇيا يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان.
پائالىيەتكە توكيودىكى ھەرساھە ئاممىسىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ۋە بۇ ساھەدە تەتقىق ئېلىپ بارغۇچى تەتقىقاتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.
دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە ياپونىيىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پېما ئەپەندى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مىئۇرا ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ساتو قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.
دوكلات چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.
بىز مەزكۇر دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، گۈلىستان خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.