خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىدائىلارنى تۇتۇشتا دېھقانلارنى ھاشار ئورنىدا ھەرىكەتكە قاتناشتۇرىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى

0:00 / 0:00


ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە, خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر پىداىيلارنى قورشاپ تۇتۇش ياكى يوقىتىش داۋامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرى ھالدا ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىنقى خەۋەرلىرىدە بۇ رېئاللىقنى يوشۇرۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خوتەن ۋە ئاقسۇدا ئېلىپ بېرىلغان قورشاپ يوقىتىش جېڭىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن قاتناشقانلىقى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن رول ئالغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. مۇخبىرىمىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئۈچتۇرپاندىكى گۇماندارلارنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكىگە دېھقانلارنى قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن ئىككى نەپەر كەنت سېكرىتارىنى زىيارەت قىلدى.

بىر سېكرىتار ئۆزىنىڭ دېھقانلارغا تەھدىت سېلىپ مەجبۇرى ئېلىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىسا؛ يەنە بىر سېكرېتار، ئۆزىنىڭ دېھقانلارنى مەزكۇر سەپەرۋەرلىككە ھاشار ئورنىدا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتى داۋامىدا يەنە، ئۈچتۇرپاننىڭ ياكۆۋرۈك يېزىسىدا مەھەللە باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت پىداىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن دېھقان ۋە كەنت كادىرىلرىنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇنداق بۇ تۈر سەپەرۋەرلىككە نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە ئۈچتۇرپاننىڭ ياكۆۋرۈك يېزا 6 - ۋە 7 - كەنت سېكرىتارلىرىنى زىيارەت قىلدۇ، 6 - كەنت سېكرىتارى ئۆزىنىڭ دېھقانلارنى «قاتناشمىساڭلار مەسئۇلىتىڭلار سۈرۈشتە قىلىنىدۇ» دەپ قورقۇتۇش ئارقىلىق ئاچىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى :

سوئال: سىلەر ھازىر نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل؟

جاۋاپ: يول - يولغا چازا قۇرۇپ مەھەللە - مەھەللىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز مىنبىڭلار بىلەن بىللە.

سوئال: مۇشۇ سەۋەبتىن دېھقانلارنىڭ ئاقساۋاتقان ئىشى نېمە؟

جاۋاپ: باغ - ۋارانلىرىنىڭ پەرۋىش قىلىدىغان ئىشى بار ئىدى، سەي - كوكتاتنىڭ ئىشى بار ئىدى. يېزىمىزدا ۋەقە چىققاندىن كېيىن ھەممىمىز چارلاش بىلەن بولۇپ ئۇ ئىشلار قالدى.

سوئال: مۇشۇ كۈنلەردە سىلەرنى يېزىدا دېھقانچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى نېمە؟

جاۋاپ: ياڭاق ئۇلاش، ياڭاق ئېرىقىنىڭ ئوتىنى ئېلىش......

سوئال: دېھقانلار نارازى بولمايۋاتامدۇ؟

جاۋاپ: ياق بولمايدۇ، بۇ دېگەن مۇقىملىق ئىشى تۇرسا؟!

سوئال: ئىدىيىسىدىن قانداق ئۆتكۈزىۋاتىسىلەر؟

جاۋاپ: قاتناشمىساڭلار مەسۇلىيىتىڭلار سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەۋاتىمىز، قاتناشماي ئامالى يوق......

سوئال: ئوچۇق ھالدا مەسئۇلىيىتىڭلار سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەۋاتامسىلەر؟

جاۋاپ: دەۋاتىمىز، مۇقىملىق ئىشى تۇرسا.

7 - كەنت سېكرىتارى بولسا، دېھقانلارنى چارلاشقا ھاشار ئورنىدا ئاچىقىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، مەھەللە باشلىقى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن چارلاشقا قاتنىشىشقا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى:

سوئال: دېھقانلار ئۆزلىگىدىن چىقىۋاتامدۇ، يېزا ياكى ناھىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچىمۇ؟

جاۋاپ: يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە.

سوئال: بۇ ھەقتە چۈشكەن، قانداق بىر ھۆججەت بار؟

جاۋاپ: يېزىدىكىلەرگە بىزگە بۇيرۇق قىلىدۇ، ھۆججەتلەرنى ئوقۇپمۇ ئولتۇرمايدۇ، ئەتە پالانى يەرگە ئادەملىرىڭنى ئاچىق دەيدۇ ئاچىقىمىز.

سوئال: دېھقانلارنى چارلاشقا ئاچىققاندا ئىش ھەققى ياكى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدىغان ئىش بارمۇ؟

جاۋاپ: ياق. مەجبۇرى ئەمگەك كۈنى ھېسابىدا ھاشارغا ھېسابلاپ ئاچىقىمىز.

سوئال: ئۇنداقتا دېھقانلار چارلاشقا ھاشارنىڭ ئورنىدا قاتنىشىۋاتقان گەپمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پىداىيىلەرنى قورشاپ تۇتۇش ۋە يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئامممىنى ھاشار ئورنىدا ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.