خىتاي تەرەپ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلىدى. ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى قارىشى تامامەن باشقىچە. بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ۋەقەنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما ۋەقەنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئالاقىسى يوق؛ ئۇ، رايوندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ زور تەسىر پەيدا قىلغان بىر پارچىسى. مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، ھۇجۇمدا ئورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ ئالاھىدە دىققەت بىلەن تاللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ۋەقەنى شى جىنپىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان ئەسەبىي خىتاي مىللەتچىلىك سىياسىتىگە قارىتا كۈچلۈك بىر ئىنكاس دەپ ئىزاھلىدى.
0:00 / 0:00