خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر باستۇرۇشلىرىدىن غەزەپلەنگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىللەردە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى تۈرلۈك شەكىللەردە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئايان بولماقتا.
يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز-ئارا ئالاقىلەردە بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» توپىنى قۇرۇپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىدا بىرلا كۈندە ئاياللارنى ئاساس قىلغان ھالدا «ئۈن-تۈنسىز ئېتىراز بىلدۈرۈش» نامايىش تەشكىللىمەكچى بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، 22-يانۋار ئېلان قىلغان «ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى» دا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ پىداكارلىق روھىنى قىزغىن قوللاش ۋە مەدەت بېرىشكە چاقىرغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنى قوزغاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سۈرەييە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا سەۋر-تاقىتى قالمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم بۇنداق بىر ھەرىكەتنى قوزغاشقا تۈرتكە بولغان ئامىل ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆز جاسارەتلىرىنى نامايان قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىممۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي زۇلۇمىنىڭ بىرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ سەۋرى-تاقەتلىرىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ سۆزىدە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ غەپلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» توپىدىكى ئىنكاسلاردىن، ئاياللارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە تولىمۇ ھاياجان بىلەن ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەت سېپىگە 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلەرچە خانىم-قىزلار قوشۇلغان بولۇپ، بۇ قوشۇن بارغانسېرى زورىيىپ بارماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00