ئۇيغۇر رايونىدا ئەرزدارلارنىڭ شەھەر ئاتلىشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چەكلەندى
2015.04.16
خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئەرز قىلىپ بارغان ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن قايتۇرۇپ ئەكېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن، بەزى نۇقتىلىق ئەرزدارلارنى ئۆز تەۋەلىكىدىن چىقارماسلىق مەقسىتىدە نەزەربەند قىلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە نەزەربەند مەزگىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن يۇرت ئاتلاپ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى پاتىگۈل غۇلام، نۇرۇنگۈل توختى قاتارلىق غوللۇق ئەرزدارلارنى قاماققا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، باشقا بارلىق ئەرزدارلارنى ئۆز شەھىرىدىن سىرتقا چىقارماسلىق تەدبىرىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى ئاپتوبۇس بېكەت ۋە پويىز ئىستانسىلىرىغا ئەرزدارلار قارا تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەھەر ئاتلىشىغا يول قويمىغان. نەتىجىدە رايوندا ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلەردىن بىرى بولغان قاتناش ئەركىنلىكىمۇ دەپسەندە قىلىنغان.
بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر ئەرزدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا مارالبېشىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان بىر ئەرزدار قەشقەر ئاپتوبۇس بېكىتىدە، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان بىرى ئۈرۈمچى پويىز ۋوگزالىدا توسۇپ قېلىنغان. مارالبېشىلىق ئەرزدارنى توسۇۋالغان بېكەت خادىملىرى ئەرزدارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ كەنت سېكرېتارىنى چاقىرتىپ ئەكەلگەن ۋە كىنىشكىنى سېكرېتارغا تۇتقازغان، سېكرېتار كىنىشكا بىلەن بىرلىكتە ئەرزدارنى مارالبېشىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.
يېقىندا يەنە تۇرپاندىن يولغا چىققان بىر ئەرزدار نىڭشا تەۋەلىكىگە كەلگەندە بېيجىڭدىكى ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدارغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بېيجىڭدا ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەرزدارلارنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېزا ياكى ناھىيە تەۋەلىكىدىن چىقارماسلىق تەدبىرىنى قوللانماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 13 -ماددىسىدا كىشىلەر ئۆز دۆلەت چېگراسى ئىچىدە يۆتكىلىش ۋە ماكانلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە دېيىلگەن؛ بۇ ماددىدا يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزى تەۋە دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ۋە قايتىپ كېلىش ھوقۇقى بارلىقىمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقى پاكىتلار خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەقلىرىدىن بىرى يۆتكىلىش يەنى قاتناش ھەققىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.