زۇبەيرە شەمسىدىن: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بارلىق زۇلۇملار مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك»
2015.09.17

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتىدە ئامېرىكا سەپىرىنى باشلايدۇ، ئانالىزچىلار ئۇنىڭ بۇ دۆلەت زىيارىتىنى ناھايىتى مۇھىم ۋەزىيەتتىكى، مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىنى «ئاسانغا توختىمايدىغان، راھەتسىز بىر زىيارەت» بولىدۇ دەپ قىياس قىلماقتا. گەرچە شى جىنپىڭ بىلەن ئوبامانىڭ دىپلوماتىك سۆھبىتىدە «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى»، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى» قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىسىمۇ «كىشىلىك ھوقۇق» تىن ئىبارەت نازۇك مەسىلىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى مۇمكىن بولغان شۇنداقلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە بەلگىلىك رىقابەت ۋە ئىختىلاپ يارىتىدىغان بىر تېما.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئوبامادىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ» دېگەن تېمىدا زۇبەيرە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ.