پارىژدا چاقىرىلغان كۆچمەنلەر مەسىلىسى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.09.21
uyghur-mesilisi-parizh-1.jpg ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان «كۆچمەنلەر مەسىلىسى يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 20-سېنتەبىر، پارىژ.
RFA/Qutluq

20-سېنتەبىر پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان فىرانسىيەدىكى سۈرىيە كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.

فىرانسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 20-سېنتەبىر پارىژدا، فىرانسىيەدىكى سۈرىيە كۆچمەنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا يىغىن چاقىرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافرىقا، ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ۋە شۇنداقلا قانۇن ساھەسىدىكى كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا سۈرىيە كۆچمەنلىرى مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، دائىرىلەر بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان.

يىغىن شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت ئوندىن كەچ سائەت بەشكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىندا سۈرىيە مۇساپىرلىرى ۋە باشقا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.