تۈركىيەنىڭ ئۈچ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقا-ئارقىدىن 3 شەھەردە دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئاڭلىتىلدى. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى قەيسەرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ئاڭلىتىلدى. «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ماۋزۇلۇق يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك دوكلات بەردى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئاڭلىتىلغان بۇ يىغىنغا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدە قۇرۇلغان قەدىمىي تارىخقا ئىگە مەكتەپ بولۇپ، تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسلىرىدىن تۇرغۇت ئۆزال، ئابدۇللا گۈلگە ئوخشاش مەشھۇر زاتلار بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.

28-نويابىر كۈنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ قوجائەلى ۋىلايىتىدە «ئىسلام ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەردى. قوجائەلى ئىلىم، كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دوكلات بېرىش يىغىنى ئالىي ئەپەندى يىغىن زالىدا ئاخشام سائەت يەتتىدىن ئونغىچە داۋاملاشتى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قوجائەلى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قارائوسمانوغلىمۇ قاتناشقان.

ئەتىسى كۈنى يەنى 29-نويابىر كۈنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 1-نۆۋەتلىك قاراپاپاق تۈركلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. كۆپ ساندا سىياسەتچى، سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى يالچىن توپچۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى ۋەكىللىرى قاتناشقان قۇرۇلتايدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتى بېرىلگەن.

قاراپاپاقلار گىرۇزىيەدە ياشايدىغان ئوغۇزلاردىن بولۇپ، تۈركىيەدىمۇ كۆپ ساندا قاراپاپاق بار ئىكەن. بۇ قۇرۇلتايدا تونۇلغان تېلېۋىزىيە پروگرامچىسى سەيپۇللاھ تۈركسوي ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

بىز بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئۆتكەن يىل 7-ئايدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ھازىر ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.