خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، بۇ يىل 9-سېنتەبىردىن 12-سېنتەبىرگىچە ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى ئىسلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە كومىتېتى رەئىسى قەيسەر ئۆزھون ئەپەندى كومىتېتقا ۋە يەنە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى بويىچە بۇ يىغىندا نۇرمەمەت ياسىن قاتارلىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى، بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپنى سۇنغان ۋە تەلەپ تەستىقلانغان.
يىغىندا غۇلغۇلا بولغان ئەڭ چوڭ مەسىلە خىتاينىڭ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى مو يېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىلىك خىتاي قەلەمكەشلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا ئەۋەتىلىشى بولغان. يىغىن ئاخىرلىشىپ شىۋېتسىيەگە يېڭى يېتىپ كەلگەن قەيسەر ئۆزھون ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.