چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ جازا مۇددىتىنى يىنىكلىتىلگەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2016.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Huseyin-Jelil-305.jpg ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، تەڭرىتاغ ۋە نۇر تورى 3 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇر تارقاتتى.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمە سىستېمىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش توغرىسىدىكى ھۆكۈم ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق - تەربىيە يىغىنى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا مەمەتتوختى مەمەتروزى ۋە ھۈسەنجان جېلىلغا جازاسى كېمەيتىلگەنلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدۇرغان. جازاسى كېمەيتىلگەن بۇ ئىككىيلەن سۆز قىلغاندا، كۆپ قېتىم ئېگىلىپ تۇرۇپ كەچۈرۇم سوراشقا مەجبۇر بولغان.

دائىرىلەر جازاسى كېمەيتىلگەن مەمەتتوختى مەمەتروزىنىڭ ئىلگىرى ئافغانىستاندا تېررورلۇق مەشىقىگە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەمەتتوختى مەمەتروزىنىڭ پاكىستاندا بىللە ئوقۇغان ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى ئابدۇللا ئەھەد خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەمەتتوختى مەمەتروزىنىڭ جازا مۇددىتىنى يىنىكلىتىلگەنلىكىگە قارىتا پىكرىنى بايان قىلىپ، مەمەتتوختىنىڭ جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىپ پاكىستاندىن ئېلىپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ كەچۈرۈمنىڭ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مەجبۇرلاش ۋاستىلىرى ئارقىلىق قىلىۋاتقان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردە ئۆزبىكستاندا تۇتقۇن قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئىلگىرى چېگرا سىرتىدا «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»دىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغانلىقى ھەم چېگرا سىرتىدا «ئىمام» بولغانلىقىدەك جەريانلار بايان قىلىنغان يازمىلارنى ئۈرۈمچىدىكى 1 - تۈرمە ۋە باشقا تۈرمىلەردە ھەمدە قەشقەر ھېيتگاھ جامىسى ئالدىدا ئوقۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھازىر مەلۈم دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان، ھۈسەنجان جېلىل بىلەن بىر تۈرمىگە قامالغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى تۆۋە قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدىكى شەھەر، ناھىيىلەردە تۆۋەنامە ئوقۇتۇپ، ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتىنى يىنىكلىتەلەيدىغان ئىجابىي قەدىمىنى، 3 - ئايدا جەنۋەدە ئېچىلىدىغان كىشلىك ھوقوق يىغىنى ئالدىدا كوزۇر ئورنىدا پايدىلىنىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۆز بويامچىلىقى دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.