يازغۇچى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.12
omerjan-hesen-bozqir-misranim.jpg يازغۇچى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
RFA/Qutlan

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ تاكى تۇتقۇن قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلغان «مىڭ ئۆيلەر، بىز سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز!»، «ئۇلۇغ بۇددا ئالىمى كومراجىۋا» قاتارلىق ئىككى كىتابى، «قىلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد»، «ئۇيغۇرلاردىن نېمىشقا بىرىنچى قول پارتكوم سېكرىتارلىرى چىقمايدۇ» ناملىق 300 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ماقالىسى، «ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەللىسى»، «ئالىمجان، ساقىلىڭىزغا رەھمەت» ناملىق 30 پارچىدىن ئارتۇق پۇبلىستىك ماقالىسى، كۈسەنشۇناسلىققا دائىر نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسى شۇنداقلا «شياڭزى تۆگە» قاتارلىق 200 قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە زور تەسىر پەيدا قىلغان.

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋە كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىلا زور تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغىمۇ ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ بىر پارچە تەرجىمە ئەسىرى خىتاينىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى بولغان «تۇلپار مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئىككى پارچە ماقالىسى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 2010-يىلى ئۇ يەنە «ئورمانچىلىق ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان شەخس» بولۇپ باھالانغان.

ھالبۇكى، بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرى يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

31-ماي كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى كۆكەرتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبىدىن پارتىيەدىن چىقىرىلغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆمەرجان ھەسەن پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ، ھەرقايسىي مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، جەمئىيەتكە زىيانلىق ئۇچۇر تارقىتىدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان كۆپلىگەن يازمىلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ پارتىيىۋىيلىكىنى يوقاتقان.»

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلغان، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلارنى بەرگەن شۇنداقلا «ئورمانچىلىق ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان شەخس» دەپ نام بەرگەن يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قانداق قىلىپ تۇيۇقسىزلا «بۆلگۈنچى» «شىنجاڭ تارىخنى بۇرمىلىغۇچى» ۋە «مۇقىملىققا زويان سالغۇچى» خەتەرلىك شەخس بولۇپ قالدى؟

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان «مىسرانىم» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ دادىسى ئەينى چاغدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوغلى تۇرسۇنجان بىلەن يازغۇچى بوزقىرنىڭ ئوخشاش دېلوغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بىز ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ قاچان ۋە قانداق شارائىتتا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق رايون، يەنى ئاقسۇنىڭ قىزىلكۆۋرۈك رايونلۇق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى سواللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل ساقچى بىزنىڭ چەتئەل مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ دەرھال تېلېفوننى قويىۋەتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ يازمىلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن يۈز كۆرۇشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «مىڭئۆيلەر، سىلەرگە يۇز كەلەلمەيمىز!» دېگەن ماقلىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم ئەمگەكلىرىنىڭ تەرجىمىچىلىكتە نامايەن بولغانلىقىنى، ئۇ تەرجىمە قىلغان «قىلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد»دېگەن ماقالىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا زور مۇنازىرىلەرگە پىلتە بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاخىرىدا يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ بىر سەگەك كۆزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان سەزگۈر يازمىلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە ئەڭ يوقىرى ماھارەت بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.