ئۇيغۇر خانىم: ياغلىق چىگكەنلىكىم ئۈچۈن ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋېتىلدىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2017.01.03
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئىسىم شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياغلىق چىگكەنلىكى سەۋەبىدىن دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئاڭلاتتى.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ياغلىق چىگكەنلىكى سەۋەبىدىن كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ كېتىشكە مەجبۇرلانغان.

ئۇ خانىم مۇنداق دەيدۇ: «2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا، ياغلىق چىگكەن ۋە ئۇزۇن كىيىم كىيگەن ئاياللارغا بولغان بېسىم ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. ياغلىق چىگكەنلىكىم سەۋەبىدىن ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋېتىلدىم. تاكسىغىمۇ ئالمىدى. بىر يەرگە بارسام ياغلىقىمنى ئۆزۈم خالىغانچە چىگەلمەي، ئارقىچىلاپ چىگىشكە مەجبۇر بولدۇم. ياغلىق چىگكەن ئاياللارغا نىسبەتەن جەمئىيەتتە سوغۇق مۇئامىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر يەرگە بارسام ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىللە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلدى.»

مۇخبىر: ئاپتوبۇستىن نېمە سەۋەبتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىڭىز ھەققىدە تەپسىلىيرەك توختىلىپ بېرەمسىز؟ شوپۇر بىلەن ئارىڭىزدا قانداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى؟

خانىم: شوپۇر ماڭا، ياغلىقىڭىزنى ئېڭىكىڭىزدىن چىگىپسىز، ئارقىڭىزدىن چىگىشىڭىز كېرەكتى، كىيىمىڭىز ئۇزۇنكەن، ئاپتوبۇسقا چىقالمايسىز، چۈشۈپ كېتىڭ، دېدى.

مۇخبىر: سىز، مېنىڭ ئۇزۇن كىيىم كىيىشىم ۋە ياكى ياغلىقنى ئالدىدىن ياكى ئارقىدىن چىگىشىم جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە نېمە زىيان ئېلىپ كەلدى دېمىدىڭىزمۇ؟

خانىم: مەن، بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇر، بىز مۇشۇنداق ئۇزۇن كىيىم كىيىمىز، ماشىناڭغا كوچا ئاپتوبۇسى دەپ يېزىۋاپسەن، ئۇنداق بولسا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس دېگەن خەتنى ئۆچۈرۈۋېتىپ خەنزۇلار ئۈچۈن دەپ ياز، دېدىم.

ئۆتكەن يىلى كانادادىن ئۇيغۇر دىيارىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغان بىر خانىم بىزگە ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، كۇچا بازىرىغا ياغلىق چىگىپ كىرگەن ئۇيغۇر خانىملىرىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا قوپاللىق بىلەن سېلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ياغلىق چىگكەنلىكى سەۋەبىدىن كۇچا بازىرىدا ساقچىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىلىشكە تاس قالغانلىقىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئارىغا كىرىپ، «بۇ خانىم كانادادىن كەلگەن، بىر قانچە كۈن ئىچىدە دۆلىتىگە قايتىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنى قوغداپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۈگۈنكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسىم شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خانىممۇ بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ياغلىق چىگكەنلىكى سەۋەبىدىن ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ، كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىۋاتقان، ھەتتا ساقچىلار تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا بېسىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، كانادادا ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. كانادا قوراللىق قىسىملىرى ئىچىدە ياغلىق چىگكەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بارلىقى مەلۇم. يېقىندا كانادا ھۆكۈمىتى يەنە، تاغلىق رايونلاردا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ئاتلىق ساقچىلار ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئايال ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەندە ياغلىق چىگىشىگە رۇخسەت قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىرنىڭ مەزكۇر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.