د ئۇ ق رەھبەرلىرى «جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئالىي يىغىنى» دا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.02.20
Jenwe-aliy-derijilikler-uchrishishi-yighini-1.jpg

د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە كەرىم شەرىفف ئەپەندىلەر «جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا. 2018-يىلى 20-فېۋرال، جەنۋە. RFA/Ekrem

Jenwe-aliy-derijilikler-uchrishishi-yighini-2.jpg

«جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا خىتاي تۈرمىسە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلدى. 2018-يىلى 20-فېۋرال، جەنۋە. RFA/Ekrem

Jenwe-aliy-derijilikler-uchrishishi-yighini-3.jpg

د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە كەرىم شەرىفف ئەپەندىلەر «جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا شۋېتسارىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رۇتھ درەيفۇس خانىم بىلەن ئۇچراشتى. 2018-يىلى 20-فېۋرال، جەنۋە. RFA/Ekrem

Jenwe-aliy-derijilikler-uchrishishi-yighini-4.jpg

د ئۇ ق رەھبەرلىرى «جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىغا قاتناشماقتا. 2018-يىلى 20-فېۋرال، جەنۋە. RFA/Ekrem

Jenwe-aliy-derijilikler-uchrishishi-yighini-5.jpg

د ئۇ ق رەھبەرلىرى «جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىغا قاتناشماقتا. 2018-يىلى 20-فېۋرال، جەنۋە. RFA/Ekrem

Jenwe-aliy-derijilikler-uchrishishi-yighini-6.jpg

«جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا خىتاي تۈرمىسە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلدى. 2018-يىلى 20-فېۋرال، جەنۋە. RFA/Ekrem

20-فېۋرال كۈنى «10-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئالىي يىغىنى» شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلانغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى كەرىم شەرىف ئەپەندىلەرنىڭ بۈگۈن جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىننى 25 خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا بەش قىتئەدىكى 150 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «10-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئالىي يىغىنى» نىڭ مەقسىتى، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى سەۋەبلىك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، كىشىلىك ھوقۇق يولىدا كۈرەش قىلىپ تۆھپە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىغىن ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ئۇلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش پۇرسەتلىرى تۇغۇلغان.

د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى كەرىم شەرىف ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئائىت ئالدىن ھازىرلانغان ماتېرىياللارنى يىغىن ئەھلىگە تارقاتقانلىقىنى ھەمدە يىغىن جەريانىدا شۋېتسارىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رۇتھ درەيفۇس خانىم بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن جەريانىدا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان، تۈرمىلەرگە بەند قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىمۇ قوشۇمچە ئېلىپ بېرىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ سۈرەتلىرىنىڭ بۇ يىغىن زالىغا ئېسىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىن داۋامىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «10-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئالىي يىغىنى» غا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، توم لانتوس فوندى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندى، خەلقئارا لىبېراللار پارتىيەسى، ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك پروگراممىسى، چېگراسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى قاتارلىق 25 تەشكىلات ساھىبخانىلىق قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.