مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى تۇتقۇنلارنى ئاڭلاتماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ جايلارغا قاماشنى باشلىغان بولسا، چەت 'ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تەھدىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن توسماقتا.

ئەمما مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، نارازىلىق نامايىش قىلىش ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كانادادىكى گۈلنۇر خانىم ۋە نورۋېگىيەدىكى زىۋىدە خانىملار رادىيومىز ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

كانادادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرتى خوتەندىكى 26 ياشلىق بىر نەۋرە ئىنىسى-مۇھەممەت ئېلى «دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك» دېگەن گۇمان بىلەن 2017-يىل 9-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ئايدىن كېيىن دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گۈلنۇر خانىمنىڭ بۇ يىل 40 ياشلارغا كىرگەن قېيىن ئىنىسى ئابدۇرېشىت بۇ يىل 2-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ خوتەندىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن.

گۈلنۇر خانىم خوتەندىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، خوتەندىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغانلارنىڭ ھەر كۈنى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا ئۇلارغا يەنە 3000 دىن 4000 غا قەدەر خىتاي يېزىقىنى تونۇش تەلىپى قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغان قېيىن ئىنىسى ئابدۇرېشىتنىڭ خىتاي يېزىقىنى ئۆگىنىشى ئۇ قەدەر ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدىن پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زىۋىدە خانىممۇ 2017-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان كىچىك ئاپىسى ئايگۈل قاسىم ۋە نەۋرە سىڭلىسى پاتىمە ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىۋىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 15-مارت كۈنى دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم ئاياللار نامايىشى» دىمۇ ئۈرۈمچىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان كىچىك ئاپىسى ئايگۈل قاسىمنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ نامايىشقا قاتناشقان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 40 ياشتىن ئاشقان كىچىك ئاپىسى ئايگۈل قاسىم 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل» نامايىشىنىڭ ئەتىسى يۈز بەرگەن ئەرلىرى ۋە بالىلىرىنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا توپلانغان ئاياللار نامايىشىغا قاتناشقانلاردىن بىرى ئىكەن. خىتاي تىلى راۋان بولغان ئايگۈل قاسىم ئەينى چاغدا ئاياللارغا ۋاكالىتەن سەھنىگە چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى لىجى بىلەن سۆزلەشكەن. ئەمما، شۇ كۈنى نامايىش تارقىغاندىن كېيىن، ئايگۈل قاسىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 2015-يىلى جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئايگۈل قاسىم بۇلتۇر 2-ئاي مەزگىلىدە باشلانغان دەسلەپكى تۇتقۇندا، خەتەرلىك كىشىلەر تىزىملىكى بويىچە دەسلەپكى تۈركۈمدە قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن. شۇندىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقانلار ئايگۈل قاسىم نىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان.

زىۋىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ھەپتە ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان نەۋرە سىڭلىسى پاتىمە ئابدۇرېشىتنىڭ ئەسلى يۇرتى قۇمۇل بولۇپ، پاتىمە ئابدۇرېشىت ۋە ئۇنىڭ ئېرى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلار ئىكەن. 2017-يىلى ئېرى تۇتقۇن قىلىنىپ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، بىر ياشقا كىرمىگەن بوۋاق بالىسىنى يالغۇز بېقىۋاتقان پاتىمە ئابدۇرېشىتمۇ بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ بېقىمسىز قالغان بوۋاق بالىسى بۇ ئائىلىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىنغان.

زىۋىدە خانىمدىن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاڭلىتىشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشىدا، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرغان «10 مىڭ كىشىلىك مەھبۇسنى تىزىملاش» گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەزالىرىنىڭ بىرى. تۇرغۇنجان ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى ۋە ساقچىلار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىتنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىلەر ۋە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش تەس بولۇۋاتقان شارائىتتا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلاتقان بۇ ئىككى خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.