ئوكىناۋادا ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ئۇراسوئە شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىلگەن.

دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا دوكلات بەرگەن.

دوكلاتنى ئوكىناۋادىكى «ئوكىناۋانى قوغداش كومىتېتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دوكلاتتا ئاساسلىقى «تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئوكىناۋاغا بولغان خەتىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۆزلەش ئېلىپ بېرىلغان.

دوكلات ئۇراسوئە شەھىرىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. دوكلاتقا ئوكىناۋادىكى ھەرساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 250 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

بىز مەزكۇر دوكلات ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.