چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گوللاندىيە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەيسا ساۋۇت قارى ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ كەلپىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق تېلېفون قىلدۇرۇش ۋە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى گوللاندىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئەيسا ساۋۇت قارىم بۇ ئەھۋاللارنى گوللاندىيەدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بىلدۈرگەندىن كېيىن، 2015-يىل ياز مەزگىلىدە كەلپىندە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە، ئۇنىڭ بىر نەۋرە تۇغقانلىرىدىن بىرقانچە كىشىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، چەتئەلدىكى تۇغقىنىغا ئۇچۇر يەتكۈزدى دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئەيسا ساۋۇت قارىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.