پۈتۈن جاھان ئەھلى ئاياللارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقان «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقالغان 10 سېكۇنتلۇق بىر كۆرۈنۈش ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى پۇچىلىدى.
كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ رەت-رەت ئولتۇرۇپ ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى داسقا چىلاپ يۇيۇۋاتقان كوللېكتىپ كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئەخلاقىي مىزانلىرىغا خىلاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاياللىق قەلبىنى پۇچىلىسا، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇ تەشكىللىك پائالىيەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەلۇم جايىدا بۇيرۇق ۋە سۈنئىي كۆرۈنۈش بىلەن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەنلىكى قىياس قىلىنماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېز تارقالغان مەزكۇر كۆرۈنۈشكە نىسبەتەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىلەر خىتاينىڭ خانىم قىزلار بايرىمىنى باھانە قىلىپ، ئاشقۇن ئۇسۇللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان سۆھبەتتىن ئاڭلايسىلەر.