ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى
2017.06.26
شوتلاندىيەدە چاقىرىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.
26-ئىيۇن شوتلاندىيە پايتەختى ئېدېنبۇرگدا باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان 40 دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ 150 مىليون ئىنسانغا ۋاكالەتلىك قىلىدىغان ۋەكىللىرى قاتارىدا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ۋە خەلقئارا قەلەم تەشكىلاتىدىن قەيسەر ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا ئۇ ن پ ئو نىڭ ئالدىنقى 2 يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ۋە كېلەچەك 2 يىلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدىكى پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، تەشكىلاتنىڭ ئومۇمىي سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەرتىپكە سېلىنىدىكەن.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، يەنى 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۇ ن پ ئو ئىدارە ھەي´ئىتى ئەزالىرىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. شوتلاندىيەدىكى يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بىزنى بۇ ھەقتە بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 1991-يىلى گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى 4 ئەزاسىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ن پ ئو دا 4 قېتىم باش كاتىپ ياكى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ۋە ئۇ ن پ ئو ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر، ئۆزلىرىنىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىغىنلاردا د ئۇ ق بىلەن ئورتاق مەۋقەدە تۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ھازىر ئۇ ن پ ئو نىڭ پەخرى رەئىسى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنگەن 2003-يىلىدىن كېيىن، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇ ن پ ئو ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئۇ ن پ ئو 13-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 26-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 16:30 شوتلاندىيە پارلامېنتىدا باشلانغان. بۇ مۇراسىمغا شوتلاندىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن سىرت، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا مىللەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە: «ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ئەمەلىي ھېسداشلىقى، ياردىمىگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار، جاھاندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ ۋەھشىي بىر ھاكىمىيەتكە قارشى جانلىرىنى دوغا تىكمەكتە. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى ئەمەلىي كۈچتە زەئىپ بولسىمۇ، روھىي قۇۋۋەتتە ھەممىدىن كۈچلۈك بىر مىللەت، دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ. ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋۇجۇدقا چىققانغا قەدەر، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرەشلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىشىنىمەن. ئېزىلىۋاتقان، مەۋجۇتلۇقى تەھدىتلەرگە يولۇقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ب د ت ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىنىشى ئۈچۈن ئۇ ن پ ئو يىللاردىن بۇيان كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ ن پ ئو نىڭ بۇ تۆھپىسىنى تەقدىرلەيمەن ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشىنى سورايمەن» دېگەن.
26-ئىيۇن شوتلاندىيەدە باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.