كانادا باش مىنىستىرى، ۋاڭ يىنىڭ مۇخبىرغا ئازار بەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلاندى
2016.06.08

ئۆتكەن ھەپتە كاناداغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت سوئال سورىغان كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت دىپلوماتىك سەتچىلىك يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە دۇنيا ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدا شۇنداقلا بارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كەڭرى يەر ئالغان ۋە غۇلغۇلا تېمىسى بولغان ئىدى.
كانادانىڭ مانىتوبا ئۆلكىسىنىڭ ۋىننىپېگ شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ 3-ئىيۇن كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ئەركىن ئاخباراتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كانادا تەرەپ، كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بېرىشتەك بۇ كۆڭۈلسىز ۋەزىيەتتىن مەمنۇن بولمىغانلىقىمىزنى، ئاللىقاچان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ كانادا باش ئەلچىلىكىگە يەتكۈزدۇق. ھەقىقەت شۇكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى مېنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
مەن ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغاندا، ئۇلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ ھېچقانداق بىر پاكىت بولمىغان شارائىت ئاستىدا، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كېۋىن گەررات مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىم.»
گەرچە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ باياناتىدا، 2 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى كېۋىن گەرراتنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ ئەمما، 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنى تىلغا ئالمىغان.
كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بىر بېسىم ھاسىل قىلمىسا، بۇ مەسىلىنىڭ ئۇنتۇلغان مەسىلە بولۇپ قېلىۋېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىرى.
كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى مەمەت توختى ئەپەندى، كەۋىن گەررات مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئىكەن، تەبىئىي ھالدا ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، جاستىن ترېدۇنىڭ بۇ يىل كۈزدە خىتايغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئالدى-كەينى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەن.
كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى كامىل تۇرسۇن ئەپەندى، كانادانىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، يۇمشاق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ.
كانادا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى، خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇنداقلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 5-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ زاۋخۇي كانادادا چىقىدىغان يەر شارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتىدە، «كانادا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاي ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقىغا كۆز يۇمماسلىقى كېرەك» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاقلىماقچى بولغان. ئۇ ماقالىسىدە كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پەرقنىڭ بولۇشى تەبىئىي دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئايال باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر سورىغان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كانادالىق بىر مۇخبىرغا ئازار بەرگەنلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا، كونكرېت جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئەمما ئۇ: «چەتئەل مۇخبىرلىرى، جۇڭگو ھەققىدە خەۋەر يازغاندا، ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل بولالىدىممۇ؟ يازغانلىرىم خىتايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىدىمۇ-يوق دېگەن سوئالنى ئۆز-ئۆزىدىن سورىشى كېرەك» دېگەن.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.