ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.05.15
Yawropa-parlamenti-uyghur-guwahliq-1.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىدا گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى(ئوڭدا) ۋە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى. 2018-يىلى 15-ماي.
RFA/Ekrem

15-ماي ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

15-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياۋروپا پارلامېنتىدا مەخسۇس «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى پانسارى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خادىملىرى، ياۋروپا كومىتېتى رەھبەرلىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم، گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتارلىقلار گۇۋاھلىق سۆزى قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر پاجىئەلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلانغاندىن بۇيان، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ۋە بىر قىسىم مەشھۇر زاتلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىنغا ۋاسىتىلىك ھالدا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىغىنىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن دولقۇن ئەيسا باشلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان قارارلارنى دەرھال قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» نىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۈگۈنكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىمى لۇسىيا خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا 28 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەربابلىرىنىڭ بىر قىسمى قاتناشتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىمۇ بۇ يىغىننى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە يىغىننىڭ دەل ۋاقتىدا ئېچىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بىر ۋاقىتتا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلىدى. يەنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورتاق ئاۋاز چىقاردى. بۇنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ناھايىتى زور دەپ قارايمەن. خىتايغا بېرىدىغان ئىنكاسمۇ شۇنداق مەنىلىك بولىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.