د ئۇ ق رەئىسى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنغا قاتناشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.12.06
dolqun-eysa-biryusel-yighin.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى(ئوڭدىن بىرىنچى) «19-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ناملىق يىغىنىدا. 2017-يىلى 5-دېكابىر، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى «19-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا قاتناشماقتا.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان «19-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا قاتناشماقتا.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «19-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ناملىق يىغىن 5-دېكابىر باشلانغان. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا 100 گە يېقىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.

بىز باشقا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يىغىن ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولساقمۇ، مۈمكىن بولمىدى. مەزكۇر يىغىن ھەققىدە د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا تەقدىم قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئائىت دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ، بىر يول> سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئېيىتقانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى <سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى> توغرىسىدىكى بايانلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۆزىنى چوڭ دۆلەت ئاتاپ مەيدە كېرىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ، ئۇيغۇرلاردەك قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق بىر مىللەتتىن قورقۇپ، ئۇلارنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ مېڭە يۇيۇش لاگىرلىرىغا قامىۋالغانلىقى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنىدى.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ بۇ تۈردىكى يىغىنغا تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ يىغىننى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان ئاساسىي تېمىسى «خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق؛ رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان دۇنيادا يېڭى يول ئىزدەش» تىن ئىبارەت بولغان. 300 دىن ئارتۇق يىغىن ئەھلى «ئاسىيا گۇرۇپپىسى»، «ئافرىقا گۇرۇپپىسى»، «ياۋروپا گۇرۇپپىسى»، «ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا گۇرۇپپىسى»، «يىراق شەرق گۇرۇپپىسى» قاتارلىق 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىننىڭ بۈگۈنكى «دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەم پىكىر پەرقلىرىگە قارىتا بېسىملىرى» ناملىق قىسمىدا دوكلات تەقدىم قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان «سىياسىي تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن ئازابلاش قىلمىشلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز دوكلاتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، قوشنا ئەللەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ زىيانلار كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىن جەريانىدا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپلا قالماي، تايلاند، ۋىيېتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.