خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئوق-دورا پۇراپ تۇرغان» قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا
2017.03.23
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇرلارغا دائىر دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىشى ۋە بۇ ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك نىشانى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، خاراكتېرىنىڭ قوراللىق ھەربىي ۋە ساقچى قوشۇنلار ئارقىلىق سىياسىيلىقتىن بارغانچە ھەربىي تۈس ئېلىۋاتقانلىقىدۇر. شۇنداقلا قانۇننى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىدۇر.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ئورگان ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بارغانچە «ئوق، دورا پۇراۋاتقانلىقى» ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2014 -يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن چاقىرىپ، مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بارغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 3 خىل كۈچكە نىسبەتەن يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يامرىشىنى توسۇش» نى تەلەپ قىلغان. گەرچە بۇ ھەرىكەت بىر يىللىق مەخسۇس قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، دائىرىلەر رايوندا قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاپ، ھەتتا كۈچەيتىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بارغان «زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن ئارقىلىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئەدلىيە تارماقلىرى قانۇن ئارقىلىق زوراۋان ۋە تېررورلۇق ھەمدە باشقا جىنايەتلەرگە داۋاملىق يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
دائىرىلەر ئەدلىيە ۋە قانۇن ساھەسىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك دېگەندەك قاتتىق تەلەپلەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئاتالمىش تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى چەتئەل ئاخباراتلىرىدىمۇ كەڭ ئېلان قىلىندى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ «ساقچى دۆلىتى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە بۇلار خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2016-، 2017-يىللىرى كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق باستۇرۇپ، پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ داۋاملىق سىستېمىلىق نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش، قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى 23-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىكلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بولۇپمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىق ئېتنىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق رەۋىشتە دەپسەندە قىلىنىشىغا مەيدان ھازىرلاپ كەلمەكتە، شۇنداقلا بۇ جەرياندا داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش جىنايەت ئۆتكۈزگەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان جازا قوللىنىپ، ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە، تەن جازاسىغا، ئادالەتسىز ھالدا قانۇنسىز جازالىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى بىزدە ئەندىشە قوزغايدۇ» دېدى.
نيۇيوركتىكى خىتاي دېموكرات، سىياسىي قانۇن پەنلىرى دوكتورى ۋاڭ جۈنتاۋ، خىتاينىڭ ھەر خىل ناملاردىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى «ئۆزىنى قانۇن دۆلىتى دەپ ئاتىۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ پرىنسىپى ۋە تەلىپى بولغان ئېغىرلىتىپ جازالاشنىڭ ئۆزىلا، ئەمەلىيەتتە ئادىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئىنكار قىلىدىغان، پرىنسىپىغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاشقۇن بىر زوراۋانلىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ شەرھلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەم تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى، بولۇپمۇ دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشى ئېغىر بولماقتا، مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مۆتىدىل مۇسۇلمانلار، ئۇلار تېررورچى ياكى ئاشقۇن رادىكال ئەمەس، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولغانلىقى ۋە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىماقتا.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىسلامى رادىكاللىق»، «تېررورلۇق» دېگەن قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ جازالىشى، خەلقئارالىق تېررورلۇققا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەردە قوللىنىۋاتقان ئوخشاش تېرمىن -ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى، دەيدۇ. ۋاڭ جۈنتاۋ يەنە، ئەمەلىيەتتە بولسا «سىڭىپ كىرىش ۋە ئەسەبىيلىك» كە قارشى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش دېگەن نام بىلەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا زور ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ھەتتا برونېۋىكلار بىلەن ھەيۋە كۆرسىتىشىنىڭ ئۆزىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ بارغانچە ئوق دورا پۇراپ تۇرىدىغان ھەربىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى، بۇ خىل دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك ئالاھىدە قاتتىق ۋە ۋەھىمىلىك تەدبىرلەرنىڭ بولسا، مۇقىملىققا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە ئۇيغۇرنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىدىغان ئەخمىقانە تەدبىر دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ج خ ئورگانلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە قېچىپ يۈرگەنلەرنى مەركەزلىك قوغلاپ تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى دېلونى سوتلاش جەريانىدا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، قورال ۋە پارتلىتىش بۇيۇملىرى ياساش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش جەريانىدا ئەيىبلەش مۇنبىرىنى جىنايەتنى ئەيىبلەش، جىنايەتنى پاش قىلىش، جىنايەتنى سۆكۈشتىكى مەيدانغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قانۇنسىز ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى شەرھلەيدۇ ۋە نۆۋەتتە بۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندەك ھالەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي پۇرىقى ئېغىر ھەرىكەت دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك، بولۇپمۇ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ۋە ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، جىنايەت بەلگىلەپ ھۆكۈم قىلىشتەك قانۇنسىز، زوراۋان ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىگە، يېرىم يىلدىن بۇيان، قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كەسكىن ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك، دەپ چاقىرىق قىلدى.