ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزا بايكۆل كەنتىدە، 4 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقە خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ مەزكۇر كەنتتىكى 9 مو ئۈزۈملۈكنى ئۈستىگە توپا تاشلاپ بىتچىت قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىدى.
كەنت مەسئۇللىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىگە مەسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىپ بېرىش ھەققىدە ۋەدە بېرىش بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىشچى ۋە ماشىنىلار قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ۋە ساقچىلار ۋەقەدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈزۈملۈكنى بۇزغۇچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن تۇرغۇن قۇرباننىڭ گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان. تۇرغۇن قۇربان ساقچىخانىغا بېرىشنى رەت قىلغان.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى غۇلجا بايكۆلدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدە، خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا سالغان زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىنىڭ پەدەزلىگۈسىز دەرىجىدە ئېنىقلىقى سەۋەبىدىن، ھەم نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ پەيلىدىن چۆچىگەنلىكى سەۋەبىدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، گۆرۈگە ئالغۇچىلارنى تۇتۇش ياكى سوراق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئەمما ۋەقەدىن كېيىن گۆرۈگە ئالغۇچىلاردىن تۇرغۇن قۇربان، ھەم يەرلىك دائىرىلەر، ھەم ساقچىلار تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنىشقا باشلىغان. تۇرغۇن قۇرباننى ئىشخانىسىغا چاقىرغان دائىرىلەر ۋە ساقچىلار ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ۋەقە تۇغدۇرغۇچى سۈپىتىدە چاقىرغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان. ئەمما گەپ - سۆزلەرنىڭ ئورامىدىن ئۆزىنىڭ سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان تۇرغۇن قۇربان يۇقىرىقىلاردىن ھەر ئىككىسىگە بېرىشنى رەت قىلغان:
تۇرغۇن قۇربان: ئەتىسى كەنتتىن چاقىرتىپتۇ، ئىشخانىغا بىر كېلىپ كەتسەڭ دەپ؛ ئەمىسە ئىشنى ھەل قىلامسىلەر دېسەم، «سەن بىلەن سۆزلىشىدىغان گەپ بار» دەيدۇ؛ پوزىتسىيەسىدىن يەرنىڭ ئىشىنى سۆزلىشىدىغاندەك ئەمەس؛ شۇڭا «سىلەر ئۆزۈڭلار كېلىڭلار ئالدىمغا، ئاندىن سۆزلىشەيلى، مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ بارمايمەن» دېدىم. بۇلارنىڭ گېپىدىن قارىغاندا ئۈزۈملۇكنى تۆلەشنىڭ، يەرنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈشنىڭ گېپىنى قىلىدىغاندەك ئەمەس.
مۇخبىر: ساقچىلار نېمە دەيدۇ؟
تۇرغۇن قۇربان: بىر ساقچى كەپتۇ، بىزنىڭ باشلىقىمىز سېنى چاقىرىۋاتىدۇ دەپ، نېمە قىلىدىكەن دېسەم، سۆزلىشىدىغان گەپ بار دەيدۇ؛ مەن دېدىم، ئەينى چاغدا ما ئىشنى ھەل قىلىڭلار دەپ بارساق، ساقچىلار بۇ ئىشنى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەل قىلىدۇ دېگەن، ئەمدى قانداق بولۇپ ئارىلاشقۇسى كەپقاپتۇ؟ مەن جىنايەتچى ئەمەس، مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بارمايمەن، دېدىم. يەنە دېدىم، ئەگەر مۇشۇ ئىش)يەر داۋاسى(نى ھەل قىلالايمىز دېسەڭلار يەنە بارىمەن، شۇڭا نېمىگە چاقىرىسىلەر، شۇنى دەڭلا ئاۋۋال شۇنى بىلىۋالاي دېدىم؛ كەلگەن ساقچى «نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن، شۇ كىشىنى)سىزنى( ساقچىخانا ئەكەلگىن دېگەنت»" دەيدۇ. ئۇنىڭغىمۇ، ئۇنداق بولسا شۇ باشلىقىڭ ئۆزى كەلسۇن، مەن جىنايەتچى ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دېدىم.
مەلۇم بولۇشىچە، بايكۆلدىكى يەر داۋاسىدا خىتاينىڭ غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، سوت ئورگانلىرى ۋە ساقچىلار يەرنى سېتىۋالغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىر سەپتە ھەرىكەت قىلماقتا. خىتاي شىركەتلىرى يەر باھاسىنى خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن يەڭ ئىچىدە سودىلاشقاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ قولىدىن يەرنى مەجبۇرىي تارتىپ ئالغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ۋە ئاۋارىچلىقنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. ئەمەلدارلار خىتاي شىركەتلىرىگە ساتقان يەرلەرنى دېھقانلارنى ئالداپ ئالالمىغاندىن كېيىن، سوتنى ۋاستە قىلىپ قوللىنىپ، ئاتالمىش قانۇنىي يول - سوت ھۆكۈمى ئارقىلىق دېھقانلارنى مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنسا، بۇمۇ كارغا كەلمىسە، ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، قارشىلاشقۇچىلارنى جازالاش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكتە.
غۇلجىدا ساقال قويغان ئەر ۋە لىچەك ئارتقان ئاياللارنى تەخىرسىزلىك بىلەن ئىزدەپ - تېىپپ جازالاۋاتقان ساقچىلار، بايكۆلدە دېھقانلارنىڭ بۇغدايلىرىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ۋە ئۈزۈملىكلىرىنى توپىغا كۆمۈۋەتكەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە كۆز يۇمماقتا. ئۆتكەن ئايدا بۇغدايلىقى ئاغدۇرىۋېتىلگەن تۇرغۇن تۇرسۇننىڭ يېنىغا ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىپ ھازىرغىچە بىر ساقچى كەلمىگەن. ئۇنىڭ 8 مو بۇغدايلىقىنى كېچىدە ئاغدۇرىۋەتكەنلەر تېخىچە بايقالمىغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قات - قات يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىگىلەش ۋە يۆتكەش بىلەن قانائەتلەنمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر خەلقىنى چەكلىك تېرىلغۇ يەرلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئەڭ ئاددىي مۇستەقىل ياشاش ئىمكانلىرىدىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرماقتا؛ بۇ ئارقىلىق يەنە يەرلىك خەلقلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياللىنىپ ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىنىپ ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا.
0:00 / 0:00