خىتاي دائىرىلىرى مەھەللە كومىتېت خادىملىرىغىمۇ قورال سەپلەپ بەرمەكچى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.05.01
Urumqi-kochisi-Charlash-305.jpg 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 15 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 نەپەر مەھەللە كادىرلىرى ۋە چارلاش خادىملىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئائىلىلەرگە قاراتقان چارلاش تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ۋە مەھەللە كادىرلىرى دىققەتنى تارتتى.

سېرقبۇيادىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بىلەن ئەمگەكچىلەر بايرىمىغا قارىماي نۆۋەتتە ئاساسى قاتلامدىكى مەھەللە كادىرلىرىنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈش چارلاش خىزمىتى يەنىمۇ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. دائىرىلەر، گۇمانلىق خەتەرلىك دەپ قارىغان جايلاردىكى مەھەللە كادىرلىرىغا قورال سەپلەپ بېرىشنى بېكىتكەن. دائىرىلەرنىڭ ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، ماي بايرىمىدا جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ئامما بۇنى«5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق جىددى ھالەت» دەپ تەرىپلىدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنچلىق تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ۋە ئاھالىلەر خىزمەت پونكىتلىرىدا بىردەك مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى جىددىي يولغا قويۇلغان. 1 - ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھەپتىدىن باشلاپ مەكتەپ ۋە مەمۇرىي ئورۇنلار، زاۋۇت كارخانىلار بىردەك بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بارلىق ئىدارە - ئورگانلاردا 24 سائەتلىك بىخەتەرلىك مۇقىملىقنى قوغداش، پوستا تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەھەر ناھىيە بازارلاردا ساقچىلار قەرەللىك چارلاشنى يولغا قويغاندىن باشقا ھەر قايسى مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى مەمۇرىلار نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«تىنچلىق» توردىكى بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەردە، ماي بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ھەر قايسى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا، ساقچى، خەلق ئەسكىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى بولۇپ 10 مىڭ نەپەر خادىم مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونىدىكى 8 مەھەللە كومىتېتلىرى جىددىي ھەرىكەتلىنىش گۇرۇپپلىرىنى قۇرۇپ، ئامما بىلەن ۋەقە كۆرۈلسە ياكى گۇمانلىق كىشىلەر بايقالسا دەرھال دائىرىلەرنى خەۋەرلەندۈرىدىغان ئۇچۇر ئالاقە تورىنى قۇرۇپ، باشقۇرۇش ۋە كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن. مەھەللىلەر بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە قارشى مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغان.

ئۈرۈمچى 35 ئاھالە كوچىسى ئىش باشقۇرۇش پۇنكىتىدا جىددىي يىغىن ئېچىلىپ، ماي بايرىمىدىكى بىخەتەرلىك مۇقىملىقنى قوغداشقا ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىر بىرىگە مەسئۇل بولىشى، ھەر ئون ئائىلىگە بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇل بولۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتقان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ماي بايرامنىڭ ئالدىدا ھەر قايسى مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش چارلاش خىزمىتىنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس 121 ئاپتوموبىل سەپلەپ بەرگەن بولۇپ بۇنىڭ 60ئى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىغا, قالغانلىرى ئاساسلىقى مۇرەككەپ دەپ قارالغان مەھەللىلەرگە سەپلەپ بېرىلگەن. پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھرىدە 570 مەھەللە ئامانلىق ئىشخانىسى بولۇپ، دائىرىلەر بىر مەھەللىدە بىر ئامانلىق ساقچىسى بولۇش، مۇرەككەپ مەھەللىلەردە ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇش پرىنسىپى بويىچە مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىغا ساقچى خادىملارنى سەپلىگەن.

26 - ئاپرىل ئۈرۈمچىدە چارلاش خىزمىتى جىددىي يىغىنى چاقىرىلىپ ماي بايرىمىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە داۋاملىق ئادەم توپلىشىدىغان جايلار، كوچىلار، ئاممىۋى سورۇنلارغا قارىتا چارلاش قېتىم سانىنى كۈچەيتىش، كۈندىلىك قەرەللىك چارلاشتىن باشقا ۋاقىتلاردا جىددىي ۋەقەلەرگە قارشى تەدبىر ئېلىش مەشقى قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

26 - ئاپرىل ئۈرۈمچى خوڭدا مەھەللە كومىتېتى يىغىن چاقىرىپ، 50 تىن ئارتۇق كادىر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەھەللىدىكى كۆچمە نوپۇسلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش، سىرتتىن كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئارخىپلىرىنى قايتىدىن رەتلەپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ۋە ئېنىقلاش ۋەزىپىسى بەرگەن.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەلۇم مەھەللە كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق، گەرچە بۇ ۋاقىت ئۈرۈمچىدە 1 - ماي بايرىمى يېرىم كېچە ۋاقتى بولسىمۇ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرىۋاتقان بىر ئايال خادىم، مەھەللە خادىملىرىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش چارلاشنى داۋلاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە بايرامدا خادىملارنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى :

يەكەندە بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چارلاش كۈچەيتىلگەنلىكىنى مەھەللە خادىملىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

خوتەندە بىر خىتاي كۆچمەن سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى،بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ دائىم چارلاپ يۈرۈشلىرىگە كۆنۈپ قالغان بولسىمۇ لېكىن يېقىنقى كۈنلەردە ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىيلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى:

قەشقەر شەھەر مارالبېشى يېڭىبازار مەھەللە باشقارمىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشى بويىچە بۇندىن كېيىن مەھەللە خادىملىرى ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولىدىغانلىقىنى، مەھەللىلەردە،ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە ھۆكۈمەت خادىمى، مەھەللە ئون باشىدىن باشقا خەلق ئەسكىرى كىرىپ تەكشۈرسە، ئالاھىدە نۇقتىلىق ئائىلىلەرگە بىر نەپەر ساقچى شۇنداقلا قوراللىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى:

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەھەللە باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش، ھەر ئون ئائىلىگە بىر ئون بېشى تەيىنلەپ، قاتمۇ قات مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىلەرگە مەھەللە ھۆكۈمەت خادىمىدىن باشقا، كوچا ئىش باشقارما خادىمى، چارلىغۇچى، خەلق ئەسكىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈش ئەترىتىنى قەرەللىك ئەۋەتىپ قەرەللىك تەكشۈرۈپ چارلاپ تۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتقان ئىدى. ئاپرىل سېرىقبۇيىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن جىددىي ھالدا كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇقىملىق خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك مۇقىملىقنى قوغداشتا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتسە يەنە بىر تەرەپتىن ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولۇپمۇ مەھەللە كومىتېت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ۋە خىزمەت ئۇنۇمىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.