خىتاي ئۆكتىچىلىرى: كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇر خەلقىنى زوراۋانلىققا مەجبۇرلاۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2014-07-21
Share
ilham-toxti-wang-lishyong.jpg ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيوڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2014-يىلى 13-يانۋار، بېيجىڭ.
RFA/Méhriban

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن خىتاي ئۆكتىچىلىرى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى زوراۋانلىققا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ۋە  ئۇيغۇر مەسىلىدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرمۇ يۇقىرىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

22-ماي ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت داۋامىدا، دۇنيادىكى بارلىق مەتبۇئاتلار دېگۈدەك بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدىكى قانلىق باستۇرۇشلار ھەققىدە ھەر تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

شۇ قاتاردا خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلارمۇ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ «سوتسىيالىزم» دېگەن نىقاب ئاستىدا ئاتمىش نەچچە يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىسىنىڭ يالغۇز مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بالايىئاپەتلەرنى ئىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت يوقالماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەر ھەمدە خىتايدىكى ئاۋام پۇقرانىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلاردىن جاۋچۇ ئەپەندى «خەتەرلىك ئۈرۈمچى ۋە چېچەنىستان گروزنى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنى چېچەنىستانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي ئاساسى قانۇنلۇق ھاكىمىيەت، دېموكراتىيە، ئىنسان ھوقۇقى ھەمدە باشقا ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىگە خاس بولغان ئاساسلار بارلىققا كەلمەي تۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇش ھەققىدە داۋراڭ سېلىۋاتقان  كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت خۇددى قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش ھامان بىر كۈنى غۇلاپ چۈشىدۇ.

خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر بويىچە تونۇلغان يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ «كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا مەجبۇرلاۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى،1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەمدە 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ۋوگزالىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيىگە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى باستۇرۇپ كەلدى. ھەتتا ئۆزىنىڭ مۆتىدىل كۆز قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىمۇ بېيجىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئۇيغۇر –خىتاي مىللەتلىرىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ كۆۋرۈكمۇ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلدى. مانا مۇشۇنداق ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا بارغانسېرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار پەقەت مۇستەقىللىقنىڭلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.

خىتاي زىيالىيلىرىدىن مىڭ تيەنيۈ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنغان «ئۈرۈمچى ۋەقەسى پەقەتلا مىللىي زىددىيەتنىڭ مەھسۇلىمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ قاتمۇ-قات زۇلۇمى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىقىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى شۇنداقلا دىنى ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رادىكال ئۇسۇللار ئارقىلىق بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بىراق بۇ ۋەقەلەرنى مىللىي زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىلا يۈز بېرىپ قالماستىن ھېچقانداق مىللىي زىددىيەتلەر بولمىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي خەلقى ئارىسىدىمۇ كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.

ھالبۇكى مەدەنىيەت، تىل-يېزىق ۋە تارىخى ئەنئەنە قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن  خىتاي خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىگە قارشى دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە مەلۇم ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت.

چۈنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلار تارىختا خىتايغا تەۋە بولمىغان زېمىنلار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلقىنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەشلىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر بۇ سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل رەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ماقالە ئاپتورى ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر خەلقىنى بارغانسېرى رادىكال بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتقان ھاكىم مۇتلەق، زوراۋان كوممۇنىستىك تۈزۈلمە مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈشى ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىللىكنىڭ مەنبەسى بولغان كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا دۈشمىنى بولۇپ قالماستىن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بارلىق مىللەتلەر شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاق كۆڭۈل خەلقلەر ئۈچۈنمۇ بىر ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» دەپ ئاتالغان ھەرىكەتنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە، قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت