خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ياكى «يېپىق تەربىيىلەش» كە ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن ئايرىلىپ، گوللاندىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن جۈرئەت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ۋە تۈرمىدە تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى كىشى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر ئىكەن.
جۈرئەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قېينىئاتىسى مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بەتنىڭ تېخنىكىلىق مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل يازدىكى تۇتقۇندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. قاماقتىكى بىرقانچە ئايلىق دەھشەتلىك قىيناقتىن كېيىن ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقى زەئىپلىشىپ، ئاخىرى يېرىم جان ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قېينىئاتىسى تۈرمىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان مەھبۇسلار بار كامىرغا سولاپ قويۇلغان.
يېقىندا ئامېرىكاغا كېلىپ يەرلەشكەن ئارمان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، تەقىبلىنىش، تەكشۈرۈلۈش ياكى «يېپىق تەربىيە» گە ئەۋەتىلىش قىسمەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.