كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بان كىمۇننى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئاشكارا سۆزلىشىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dunya-insanperwerlik-aliy-yighini-ban-kimon.jpg ب د ت نىڭ دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى بان كىمون سۆز قىلماقتا(تېلېۋىزور خەۋىرىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان). 2016-يىلى 23-ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن 6‏-ئىيۇل خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. لېكىن ئۇ، خىتايغا قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىش ھارپىسىدا بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، خىتاينىڭ باستۇرۇشنى توختىتىپ، قولغا ئېلىنغان پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بان كىمۇنغا يازغان مەكتۇپىنى 5‏-ئىيۇل ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات مەكتۇپىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى بۇ چېكىنىشكە قارىتا ئەندىشىڭىزنى خۇپىيانە ۋە ئاشكارا بىلدۈرۈشىڭىز ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمىز. ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز ئېھتىمال بۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر خورلىنىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

بان كىمۇن ب د ت باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان 7-8 يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە سەل قاراش بىلەن تەنقىدلىنىپ كەلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەكتۇپىدا، بان كىمۇننى كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراشتەك بۇ خىل پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش چاقىرغان. مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېنىس رود: «ئەگەر دۇنيا رەھبەرلىرى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىدا ھېچقانداق باھانە كۆرسەتمىسە، بېيجىڭنىڭ خاھىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ» دېگەن.

د دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، بان كىمۇننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ب د ت باش كاتىپى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان بان كىمۇننىڭ ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەسقەر جان مۇنداق دېدى: «بىز د ئۇ ق باش كاتىپنىڭ ئۇ يەردىكى زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ۋە شۇنداقلا تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۆز خەلقىگە بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان غەيرىي ئىنسانى بېسىمنى سۆزلەپ ئۆتۈشىنى، مۇشۇ نۇقتىدا توختىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.
چۈنكى، ئاخىرقى يىللاردا خىتاينىڭ بېسىمى كۈنسېرى چىدىغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كېلىپ، ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە باش كاتىپنىڭ بېكى ئاخىرقى ۋەزىپىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئاخىرقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ھېچ بولمىسا، ئۇ يەردە ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏»

ئەسقەر جان جان يەنە، بان كىمۇننىڭ 8 يىل ۋەزىپە ئاتقۇرۇش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چوڭ «غەيرەت كۆرسەتمىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئەسقەر جان: «بىز بۇرۇن د ئۇ ق بولۇش سۈپىتىدە بان كىمۇن ئەپەندىمگە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق دوكلات سۇنغان. ئەلۋەتتە ئۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىلىقمۇ ئېغىز ئاچقىنى يوق.

ئەسلىدە بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇشى كېرەك. بىر دۆلەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈن دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ب د ت نىڭ باش كاتىپى. ئۇنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. بىتەرەپ تۇرۇۋالماي كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىرغا قەدەر ئۇنداق بىر غەيرەت كۆرسەتمىدى» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، بان كىمۇننىڭ بۇ زىيارىتىدە خىتايغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاينى نازارەت قىلىشىغا يول قويۇش، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىدىن پايدىلانماقچى بولغان پائالىيەتچىلەرنى پاراكەندە قىلىشىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەكتۇپىدا كېنىس روت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خۇپىيانە دىپلوماتىيە ئىزچىل مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بانكىمۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي خەلقىگە ئاشكارا خىتاب قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى كېنىس رودنىڭ سۆزنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خۇپىيانە دىپلوماتىيەنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: « بان كىمۇن ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ تاپشۇرغان بېجى بىلەن ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ، ئامېرىكالىقلارنىڭ، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ تاپشۇرغان بېجى بار. ئۇ خىتايغا خۇپىيانە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يوشۇرۇن بىر نېمىلەرنى سۆزلىشىپ كەلدىم، بولدى، دېسە بولمايدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. بىز ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. سەن قانداق ۋەدىلەرنى بەردىڭ. بىز ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلالىشىمىز كېرەك.

شۇڭا، دائىم يەڭ ئىچىدە بولغان گەپلەرنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ. پەقەت ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندىلا خەلقئارا سىياسەتچىلەر بىرەر ئىشنى ئازراق بولسىمۇ قىلالايدۇ. ئۇنىڭ قانداق قىلغانلىقىغا ئۆز دۆلىتىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتى ۋە تۈرتكىسى بولۇشى شەرت. شۇنداق بولغاندا ئۇ ئازراق بىر ئىش قىلىدۇ.»

ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، بان كىمۇن ب د ت باش كاتىپلىرىنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ سەل قاراپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرىكەن. ئۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شۇڭا، ب د ت نى ئىسلاھ قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ كۈچى ۋە ۋەكىللىك ئورنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: « ب د ت ھازىرقى ئەڭ چوڭ خەلقئارا تەشكىلات. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى بىر سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز ب د ت نى ئىسلاھ قىلىشنى ئالغا سۈرۈپ كەلدۇق. بۇ ئىسلاھاتنىڭ بىرى، ب د ت پەقەت ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا قالماسلىقى كېرەك. ئۇ يەنە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىتىشى كېرەك.

چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دا ھەرگىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ! دېمەك، ب د ت دەك بىر چوڭ ئورگاندا ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئىتىگە ھېچكىم ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەمدى تەيۋەن بار. تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە كىم ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازى بېسىقتۇرۇلدى. بۇنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار. شۇڭا، ب د ت غا نارازى بولساقمۇ، ئەمما بىز ب د ت ئۆزگەرتىشىمىز، ب د ت دا خەلقنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ تولۇق ئەكس ئېتىشى كېرەك.»

بان كىمۇننىڭ ئۆتكەن قېتىملىق خىتاي زىيارىتى 2015‏-يىلى سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ شۇ سەپىرىدە ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي كۆرۈككە قاتنىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.  بان كىمۇن ئۆزىنىڭ مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.