14 دېموكراتىك دۆلەتتىكى راي سىناشتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ناچار نومۇر ئالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.25
pew-pyu-report-doklat.jpg «پيۇ تەكشۈرۈش مەركىزى» نىڭ راي سىناش دوكلاتى.
duihuahrjournal.org

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2011‏-يىلى كومپارتىيە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغان 5 يىل ئىچىدە ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى بەزى دېموكراتىك ئەللەردىكى خەلقنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قارىشى كۈچىيىپ، ئەڭ ناچار نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى راي سىناش ئورنى ‏- «پيۇ تەكشۈرۈش مەركىزى» شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى تەكشۈرگەن.

«پيۇ تەكشۈرۈش مەركىزى»نىڭ ئېلان قىلىشىچە، راي سىناشقا قاتناشقان 14 دېموكراتىك دۆلەتتىكى 60% تىن ئارتۇق خەلق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.

بۇ قاراش فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيەدە ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ئى، ئامېرىكىدا بولسا 80% كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«دىئالوگ» ناملىق ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشى 2005‏-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

يۇقىرىقى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي رايىنىڭ كۈچىيىشىدە قانداق ئامىللار رول ئوينىدى؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز،ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ دوكتور قاھار بارات بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.