جاستىن ترېدۇنىڭ شاڭخەيدە قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

دۆلەت ئىشلىرى ۋە سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 30- ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەيدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى، دېموكراتىيە، دۆلەت باشقۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نورمال ۋە ئوچۇق ‏-ئاشكارا سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دېموكراتىيە ۋە ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلار ئەركىنلىكى كانادانىڭ دېموكراتىك ۋە ئەركىن قانۇنلىرى ئارقىلىق قوغدىلىدىغان، كانادالىقلارنىڭ قىممەت قارىشى» دېدى.

ئۇ، كانادادىكى ئەركىن دېموكراتىك ئۈستقۇرۇلما ھەققىدە: «كانادا مەدەنىيەت جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بولسا، بۇ ئەلۋەتتە كانادانىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارغا يەر بەرگەنلىكىدە. دۇنيانىڭ تېز ئۆزگىرىشى، دېموكراتىيە ۋە ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىجابىي ھالدا ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە، كانادانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەيدانىنى ئىپادىلەپ، «بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ھەممە كىشىگە شۇنى خاتىرىلەتمەكچىمەنكى، كانادا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشى ۋە قوغدىشى ئۈچۈن ئىلھام بېرىدۇ» دېدى.

ترېدۇ سۆزىدە يەنە، ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ كانادالىقلارنىڭ قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەتنىڭ دېموكراتىك قانۇنلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ كانادا باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا سۆز قىلىشى ئەمەس، 1998-يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغان كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى كرىتىئەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلىپ، خىتايدا ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان سىياسىي كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ شاڭخەيدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئەتىسى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئاۋازى بولغان شىنخۇاشې، جۇستىن ترېدۇنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى بىلەن بىللە، بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، كانادانى ئەيىبلىدى.

شىنخۇاشې ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، كانادا ئالدى بىلەن، ئۆز دۆلىتىدىكى ناچار ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان، يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋالسۇن، كانادانىڭ ئاساسسىز ھالدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، كانادا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە بىلجىرلاشلىرى، غەربنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا قارشى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، تەكەببۇرانە ھەقسىزلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىلگەن.

ئەتىسى كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گاي سېنت جاك مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى بۇنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىككە، بولۇپمۇ ئېنتېرنېتقا چەكلىمە قويۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گەرچە خىتاي تەرەپ، كانادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ھەقسىز ۋە تەكەببۇرانە ئەيىبلىدى دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مەجىت ئەل شافى، جاستىن ترېدۇنىڭ شاڭخەيدە قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كانادالىق سىياسەتچىلەرنى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىپادە بىلدۈرۈشتە بەك يۇمشاق بولۇپ كەتتى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن جاستىن ترېدۇنىڭ شاڭخەيدە قىلغان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن مەمنۇن ئەمەسمەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى كاناداغا كەلگەندە، پەقەت بىرلا مۇخبىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ جاۋاب بېرىپ، نېگىزلىك مەسىلىلەردە چەتنەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق سودا ‏- تىجارەتتىن ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك، مەن كانادالىق سىياسەتچىلەرنىڭ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، فالۇنگۇڭ ۋە خرىستىئانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەزىيەتتىن ئىنتايىن چارچىدىم ۋە ئۆزۈمنى راھەتسىز ھېس قىلماقتىمەن. كانادادا، ھەممە نەرسە خىتايدا ئىشلەنگەن پەقەت كانادا مەدەنىيىتىدىن باشقا. كوچىلاردا كېتىۋاتقان ھەر بىر نورمال كانادالىقنىڭ ئۆز قەدىر ‏- قىممىتى بار. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان ھەقلىرى، مەن بۇ نۇقتىدا كانادالىق سىياسەتچىلەرنى خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىدى دەپ قارايمەن.»

ھازىر كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتاي دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى شېڭ شۈە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بېرىش ھارپىسىدا، كانادادىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دېموكراتىك زاتلار ۋە تەشكىلاتلار، جاستىن ترېدۇدىن،خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە شۇنداقلا ئاممىۋى سورۇنلاردا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدۇق.ئەگەر باش مىنىستىرىمىز جۇستىن ترېدۇ ئەپەندى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، كاناداغا قايتىپ كەلگەندە بىزگە يۈز كېلەلمەيدۇ. ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل، كەۋن گەررات ۋە يەنە بىر كانادالىق خىتاي دىمۇكراتچىسى ياتماقتا. كانادا ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان تەڭرىتاغ تورىدا، جاستىن ترېدۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچاڭ ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەرگەندىن باشقا، شاڭخەي شەھىرىدە سۆزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سۆزىگە يەر بېرىلمىگەن.

بۇ يىل 6-ئايدا كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئال سورىغان كانادالىق مۇخبىرنى «سوئالىڭ تەكەببۇرانە ۋە ھەقسىزلىققا تولغان» دەپ ئازارلىغان ئىدى. شىنخۇاشې تارقاتقان كانادانى ئەيىبلىگەن خەۋەردىمۇ، خۇددى ۋاڭ يىغا ئوخشاشلا، غەربنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگونى ھەقسىز ۋە تەكەببۇرانە ئەيىبلىمەكتە دېگەن سۆزلەرنى قوللىنىشى دىققەت چەكتى.